رونالدونىڭ ئاچىسى جېدەل قوزغايدىغان سۈرەت يوللىدى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-10
來源:تېڭشۈن تورى




تۈنۈگۈن سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، كرىستىيانو رونالدو ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، يۇۋېنتۇسنىڭ 0:3 نەتىجىدە بارسېلونانى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇپ شاللاش باسقۇچىغا قەدەم قويىشىغا ياردەملەشتى.

رونالدونىڭ ئاچىسى شەخسىي ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدا رونالدونىڭ تەبرىكلەش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك جېدەل قوزغايدىغان بىر پارچە سۈرەتنى ئېلان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازدى: «ھاياتىمدىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان پادىشاھىم».

20201210

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، كرىستىيانو رونالدو بارلىق تۈردىكى مۇسابىقىلەردە يۇۋېنتۇسقا ۋاكالىتەن 10 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 12 توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى قېتىم پاس چىقاردى.