ئامەتلىك لاتارىيەچى مۇرات 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-10-30
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سەھەردە، مۇرات خۇشال كەيپىياتى بىلەن ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، خىزمەتچى خادىملار ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئەسلىدە مۇرات ئالدىنقى كۈنى قوش خۇشاللىققا ئېرىشكەن ئىدى.

10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن مۇرات ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدىغان كەچلىك تاماق تەييارلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا ۋە راھەت ـ پاراغەتكە تولدى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن، خوتۇنى ئۆي ئىشلىرىنى بىلەن بولدى، مۇرات ئادەتتىكىگە ئوخشاش سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلدى، سەيلە قىلىش يولىدا ئۇ قابا ناھىيەسىنىڭ 65430163 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتتى، بۇ چاغدا ئۇ تۇيۇقسىز ئالدىنقى ھەپتە سېتىۋالغان قوش رەڭلىك توپ لاتارىيەسىنىڭ تېخى مۇكاپات نەقلەشتۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كەلدى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا، مۇرات ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى: « ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ بېلەتنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئالدىنقى ھەپتە سېتىۋالغان ئىدىم، كىلىشكە ئىزچىل ۋاقىت چىقمىدى». سېتىش خادىمى لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن: «سىزگە بەش يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ، سىز بەش يۈەنلىك "قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش" لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقامسىز؟»-دېدى، مۇرات بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال مۇنداق دېدى:«بەش يۈەنلىك قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنىڭ ھەممىسىنى ئويناپ بولدۇم. مەن بۇ 50 يۈەنلىك"دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ"نى سىناپ باقاي!»-مۇرات شۇنداق دېگىنىچە بىر تال« دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ لاتارىيە بېلىتىدىن راستتىنلا مۇكاپات چىقتى ، مۇرات 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: « مۇكاپات چىقتى، 10 مىڭ يۈەن!»-دەپ توۋلىدى، مال ساتقۇچى خادىم دەرھال تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: « سىزگە 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى، < دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ>لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، 10 مىڭ يۈەنگە يەنە 10 مىڭ يۈەن سوۋغا قىلىنىدۇ!»-دېدى، مۇرات ھەيران قالدى.

مۇرات مۇكاپات ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئالتاي پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەرگە مۇنداق دېدى:«تۇنجى قېتىم 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بەك خۇش بولدۇم، ئۆيگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرئالغۇ سېتىۋېلىپ، ئايالىمنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئويلاۋاتىمەن.»-دېدى.

2.png