مىكروسوفىىت Windows10نى يېڭىلايدۇ

ئەلكۈيى تورى
2020-12-21
來源:تور دۇنياسى

2.gif

640-59.png



مىكروسوفت بىلەن ئىنتىل مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا Windows 10نى يېڭىلاشنى ئېلان قىلغان.

چەتئەل تاراتقۇسى WindowsLatestنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە Windows10نىڭ يېڭىلىنىشى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئېغىر ئىقتىدار مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلغان، ئىشلەتكۈچىلەر ئادەتتىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا CPUنىڭ ئىگىللەش نىسبىتى زىيادە يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىنى بايقىغان.

IT ئائىلىسىنىڭ ئىگىللىشىچە. بۇ ئايدا ئىككى يېڭىلانما «Windows 10 دېكابىردا يېڭىلاش» ۋە «ئىنتېل قوزغىتىش ۋە يۇمشاق دېتال قوشۇمچە قوراللىرىنى يېڭىلاش»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچىلەر CPUنى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ تېز ئېشىش مەسىلىسىنى دوكلات قىلغان.

بەزى ئەھۋالدىكى مەسىلىلەر Windows 10 KB 4592438دا كۆرۈلگەن بولۇپ، چۈشۈرۈپ يېڭىلاش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر يۇقىرى CPUنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىدىكى Bug بولۇپ، بۇنى ئىنتېل قوزغاتقۇچ ۋە يۇمشاق دېتال قوشۇمچە قورالى (DSA) كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئىنتېل ۋە مىكروسوفت بۇ مەسىلىنى تونۇپ يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار بىر ھەل قىلىش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، Windows يېڭىلاش ياكى ئىنتېل DSA ئارقىلىق ئاپتوماتىك ئىشلىتىلىدىكەن.

素材.jpg

素材2.jpg

素材3.jpg

素材4.jpg

素材1.jpg