بېرلىن كىنو بايرىمى

ئەلكۈيى
2020-12-19
來源:سىنا تورى خەۋىرى



چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2021-يىللىق بېرلىن كىنو بايرىمى گېرمانىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن ئەسلىدە كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە نەق مەيداندا ئۆتكۈزۈلۈشتىن 3-ئاينىڭ بېشىدا كىنو بايرىمىغا قاتناشتۇرىلىدىغان فىلىملەرنى توردا كۆرۈپ، توردا باھالاپ چىقىش شەكلى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلگەن. ئاندىن كېلەر يىلى 6-ئايدا كىچىك تىپتىكى كىنو بايرىمى قىلىپ تولۇقلاپ ئۆتكۈزىلىدىكەن ھەمدە كىنو بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلغان فىلىملەر نەق مەيدانغا قويۇلىدىكەن. بېرلىن كىنو بايرىمىنى پىلانلىغۇچى تەرەپ بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلدى ھەمدە رەسمىي مۇراسىم ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2021-يىللىق بېرلىن كىنو بايرىمىنى پىلانلىغۇچى تەرەپ بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ قېتىملىق كىنو بايرىمىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2021-يىلدىن باشلاپ مۇكاپاتتىكى«ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس»، «ئەڭ ياخشى ئايال ئارتىس» دېگەندەك جىنس ئايرىمىسى بىكار قىلىنىپ، «ئەڭ ياخشى باش رولچى» كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتى ۋە «ئەڭ ياخشى قوشۇمچە رولچى» كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتى قىلىپ ئۆزگەرتىلىدىكەن.