ئالۋارېزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى قايتىپ كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-19
來源:تېڭشۈن تورى

يېڭىلمەسلىك نەتىجىسىگە ئىگە ھازىرقى IBF دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك بوكس شاھى كالېب پلانت (Caleb Plant) بۈگۈنكى كۈندە كېيىنكى مۇسابىقىنى بېكىتتى، ئۇ كېلەر ئاينىڭ 30-كۈنى سەھنىگە چىقىپ، ئۈچىنچى قېتىم ئۆزىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قوغدايدۇ، رەقىبى سابىق دۇنيا بوكس شاھى كالېب ترۇكىس (Caleb Truax)، بۇ مۇسابىقە PBC مۇسابىقىسىنىڭ بىر قىسمى، ۋاقتى كەلگەندە فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، بۇ پلانتنىڭ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان قايتىپ چىقىش مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

20 مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ، 12 قېتىم رەقىبىنى KO قىلغان پلانتنى مېكسىكىنىڭ داڭلىق ماھىرى كانېلو ئالۋارېز ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىگەن. ئەلۋەتتە، بۇ ھەپتە ئالۋارېز ئالدى بىلەن يەنە بىر ئەڭ چوڭ تەھدىت - كالۇم سمىس بىلەن ئۇچرىشىدۇ. 28 ياشلىق پلانتنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر، يەلكىسى 1.88 مېتىر بولۇپ، گەرچە بۇ جەھەتتە سمىسنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما سىمىسنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، قاۋۇل بولۇپ، ئالۋارېز بىلەن ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان شىددەتلىك جەڭ بولۇشى مۇمكىن.

بۇ يىل 2-ئايدا، پلانت يۇرتى ئامېرىكا تېننېسسى ئىشتاتىدا 10 ئايلانمىلىق ئۇچرىشىشتا گېرمانىيەلىك رىقابەتچىسى ۋىنسېنت فايگېنبۇس (Vincent Feigenbutz)نى «ۋەيران قىلغان»، كېيىن بەزىلەر ئۇنى 5-ئايدا ئالۋارېز بىلەن ئېلىشىشقا كۆندۈرگەن، ئەپسۇسكى، پلانت ئارام ئېلىشقا موھتاج بولغانلىقتىن، تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولالمىغانلىق باھانىسى بىلەن رەت قىلغان، ئەمما ئالۋارېزمۇ «يۇقۇم» تەسىرى بىلەن 5-ئايدا مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان.

ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا، پلانت نومۇر سانى بويىچە ۋېنېسۇئېلالىق خوسې (Jose Uzcategui)نى يېڭىپ، يېڭى IBF دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى بولغان، كېلەر ئايدا سترۇك بىلەن بولغان مۇسابىقە ئۇنىڭ چېمپىيون بولغانلىقىنىڭ ئۈچ يىللىقىغا توغرا كەلگەن، شۇڭا باشقىچە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، PBC بىلەن ھەمكارلاشقاندىن كېيىن، پلانتنىڭ فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى مۇسابىقىسىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن، ئالدىنقى قېتىم فايگېنبۇس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، جەمئىي بىر مىليون 809 مىڭ تاماشىبىن (ھەقسىز كۆرگەن) جەلپ قىلىنىپ، فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2020-يىلى كۆرگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان، شۇڭا پلانت PBC ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغۇچى، داڭلىق ۋاسىتىچىسى ئال خايمون (Al Haymon) نۇقتىلىق بەرپا قىلغان يېڭى يۇلتۇز بولۇپ قالغان.

كېلەر ئايدا پلانت بىلەن تۇتۇشىدىغان ترۇكىسنىڭ كەسپىي نەتىجىسى 31 قېتىم غەلىبە قىلىپ، تۆت قېتىم ئۇتتۇرۇپ، ئىككى قېتىم تەڭلىشىپ، 19 قېتىم رەقىبىنى KO قىلغان بولۇپ، ئىزچىل دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئاساسلىق رىقابەتچى بولۇپ كەلگەن، كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان ۋاقىت 2017-يىلى 12-ئاي بولۇپ، ئەينى چاغدا ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق ماھىرى جامېس دېگال (james Degal)نى مەغلۇپ قىلىپ IBFنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، ئەپسۇسكى، تۆت ئايدىن كېيىنكى تەكرار مۇسابىقىدە، ترۇكىس دېگالغا نومۇر سانىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ مەغلۇپ بولۇپ، چېمپىيونلۇق كەمىرىنى قولدىن بېرىپ قويغان.

رەقىبى ترۇكسنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى پەقەت ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 37 ياشقا كىرىپ قالدى، ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، پلانتنىڭ مۇسابىقىدە غەلبە قىلىشىدە ئانچە چوڭ تەشۋىش يوق، بىراق ترۇكسنىڭ ئىرادە پەزىلىتى، زەربىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى خېلىلا گەۋدىلىك، ئىلگىرى يىقىلىش كەچۈرمىشى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، پلانتنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالامدۇ-يوق؟

ئەگەر بۇ ھەپتە ئالۋارېز سمىسنى مەغلۇپ قىلسا، پلانتنىڭ كېلەر يىلى ئۇنىڭ يوشۇرۇن رەقىبىگە ئايلىنىشىدىن ھەقىقەتەن ئۈمىد بار.