بايدىن رەسمى زۇڭتۇڭ بولدى

ئەلكۈيى
2020-12-15
來源:مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى




رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 14-دېكابىر ئامېرىكا سايلىغۇچىلار ئۆمىكىدىكى جەمئىي 538 نەپەر سايلىغۇچى ھەرقايسى ئىشتاتلارنىڭ سايلام نەتىجىسىگە ئاساسەن سايلىغۇچىلار بېلىتى تاشلاپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭنى رەسمىي سايلاپ چىقىپ، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن چىققان بايدېننىڭ ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، كېلەر نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان تالاش ـ تارتىش بولۇۋاتقان ئىشتات ـ مىچىگان ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى، جورجىيە ئىشتاتى، ۋىسكونسىن ئىشتاتى ۋە ئارىزونا ئىشتاتىدىكى سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بۇ ئىشتاتتىكى سايلىغۇچىلار بېلىتىنى بايدېنغا تاشلىدى.

سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ بېلەت تاشلىشى ئەنئەنە جەھەتتە بىر خىل «شەكىل» ھېسابلىنىدۇ، لېكىن تىرامپ لاگېرى چوڭ سايلامدا كۆز بويامچىلىق مەۋجۇت دېگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يىلقى سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ بېلەت تاشلىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىم بايدېن ئاخىر غەلىبە قىلىش ۋەزىيىتىنى بېكىتتى، بۇ تىرامپ لاگېرىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش تىرىشچانلىقىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.