ئىنىشتىنين قانچىلىك ئەقىللىق

ئەلكۈيى
2020-12-14
來源:今日头条


ئېينىشتىيىن گالىلېي، نىيۇتوندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى، ئۇ ئىجاد قىلغان زامان - ماكان ۋە تارتىشىش كۈچى توغرىسىدىكى نەزەرىيە «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئاندىن تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن چۈشىنىلگەن.

爱因斯坦的大脑和普通人有多大的不同呢?

ئېينىشتىيىن ئىلگىرى قورساق غول تومۇر ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، 1955ـ يىلى 4ـ ئاينىڭ 13ـ كۈنى قورساق غول تومۇر ئۆسمىسى يېرىلىپ كېتىپ، ئىچكى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 4ـ ئاينىڭ 18ـ كۈنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسېي ئىشتاتى پرىنسېتون شەھىرىدە 76 ياشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

爱因斯坦的大脑和普通人有多大的不同呢?

ئېينىشتىيىن ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ چوڭ مېڭىسى ياكى باشقا ئەزالىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆلگەندىن كېيىن بىۋاستە كۆيدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

2020121321251118686.jpg

لېكىن، كۈتۈلمىگەن ئىش يۈز بېرىپ، جەسەت تەكشۈرۈش جەريانىدا، پاتولوگ خارۋېي دوختۇر ئېينىشتىيىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ سىرلىق چوڭ مېڭىسىنى ئۆز ئالدىغا ئوغرىلاپ كەتكەن، ھەمدە كېسىپ 240 پارچە قىلىپ ساقلاپ قويغان، خارۋېي دوختۇر كېيىن مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسىدىكى نېرۋا ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ ئېينىشتىيىننىڭ شۇنچە ئەقىللىق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى بايقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

2020121321251292563.jpg

爱因斯坦的大脑和普通人有多大的不同呢?چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان خارۋىي دوختۇر ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ پارچىلىرىنى ئېلىپ چىققان

40 نەچچە يىللىق قايتا ـ قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خاۋېي دوختۇر ئۆزى ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئاخىرى خارۋېي دوختۇر ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنى باشقا نېرۋا كېسەللىكلىرى ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. كېيىن، ئالىملار ئىلغار تېخنىكىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغان:
بىرىنچى، ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن يېنىك بولۇپ، چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 1230 گىرام ئىكەن، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېغىرلىقى بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1400 گىرامدىن ئارتۇق بولىدىكەن، لېكىن بۇھال بىر تالانتلىق چوڭ مېڭە ئىكەنلىكىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.
ئىككىنچى، ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىدىن نورمال ئادەملەرگە قارىغاندا %17 نېرۋا ھۈجەيرىسى كۆپ چىققان.
爱因斯坦的大脑和普通人有多大的不同呢?ئۈچىنچى. ئېينىشتىيىننىڭ كۈل رەڭ ماددىسى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە قارىغاندا خېلىلا كۆپ بولۇپ، بىر قەدەر قېلىن كۈل رەڭ ماددا بىر قەدەر يۇقىرى ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
تۆتىنچى، ئېينىشتېيننىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئەڭ ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايقاش شۇكى، ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىر كەمتۈك رايون (قىسمەن يېپىق رايون) باركەن، بۇنىڭ بىلەن چوققا ئاستىدىكى كىچىك يوپۇرماقلار ئادەتتىكى كىشىلەردىن %15 كۆپ بولۇپ، چوققا ئاستىدىكى كىچىك يوپۇرماقلار رايونى ماتېماتىكا ۋە بوشلۇقنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، بۇ بەلكىم ئېينىشتىيىننىڭ نېمىشقا ماتېماتىكىغا بۇنچە ئۇستا ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
بەشىنچى، كىشىلەر ئېينىشتىيىننىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 160، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 100 دەپ قارايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئاشۇ سىرلىق چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

2020121321251228292.jpg

قىسقىسى، ئېينىشتىيىننىڭ چوڭ مېڭىسىگە بولغان تەتقىقات يەنىلا داۋاملاشماقتا، ئىلمىي سەۋىيەنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى بايقاشلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.