بۇ ئايلانمىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە لىۋېرپول مېھمان مەيداندا 1:1 نەتىجىدە فۇلھام بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، بۇ مۇسابىقىدە لىۋېرپول ھۇجۇمچىسى سالاھ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى 85-توپىنى كىرگۈزۈپ كرىستىيانو رونالدو ۋە تېۋېزدىن ئېشىپ كەتتى! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سالاس توررېس ۋە خازارد بىلەن تەڭلىشىپ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىي مەرگەنلەر تىزىملىكىدە 43-ئورۇنغا چىقتى.
سالاھ بۇ مۇسابىقىنىڭ 79-مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى، بۇ ھەم ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن 10-توپى. ئۇ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە جەمئىي 132 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 85 توپ كىرگۈزۈپ بولدى (چېلسىدا 13 مەيداندا ئىككى توپ)، شۇنداقلا كرىستىيانو رونالدو (196 مەيدان) ۋە تېۋېز (202 مەيدان)دىن ئېشىپ، توررېس (212 مەيدان)، خازارد (245 مەيدان) ۋە ساخا (289 مەيدان) قاتارلىقلار بىلەن تەڭلىشىپ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ تارىخىي مەرگەنلەر تىزىملىكىدە 43-ئورۇنغا چىقتى. ئۇنىڭ كېيىنكى نىشانى بولسا 87 توپ كىرگۈزگەن گىرۇد بىلەن بېرگكامپ.
ئۇنىڭدىن باشقا، سالاھ 2020-يىلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 20 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، ئوخشاش ۋاقىتتىكى باشقا توپچىلاردىن ئاز دېگەندە تۆت توپنى كۆپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا، سالاھ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 10 توپ كىرگۈزۈپ بولدى، مەرگەنلەر تىزىملىكىدە سون خيۇڭمېن بىلەن تەڭلەشتى، پەقەت 11 توپ كىرگۈزگەن لېۋىننىڭلا ئارقىسىدا تۇرماقتا.