بىرازىليەلىك باي ئالەمدىن ئۆتتى

بىرازىليەدىكى بىرنجى باي كىم؟
2020-12-11
來源:new.qq.com




شۇ يەر ۋاقتى 10-دېكابىر، بىرازىلىيەنىڭ سافرا بانكىسى ئاخبارات ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرازىلىيەدىكى تۇنجى باي، سافرا بانكىسىنىڭ ئىگىسى جوسېف سافرا (Joseph Safra)نىڭ شۇ كۈنى سان پاۋلو شەھىرىدە 82 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

 .

«فوربېس» 2020-يىلى ئېلان قىلىنغان بىرازىلىيەلىك مىلياردېر تىزىملىكىدە جوسېف سافرا 119 مىليارد 80 مىليون رىيال (تەخمىنەن 152 مىليارد 640 مىليون يۈەن خەلق پۇلى)لىق مال-مۈلۈك بىلەن بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، بىرازىلىيەدىكى تۇنجى باي بولۇپ قالغان.

جوسېف سافرا 1938-يىلى لىۋاندا تۇغۇلغان، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى سافرا جەمەتى بىرازىلىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇ 1955-يىلىدىن باشلاپ دادىسى جېكىپ سافرا (Jacob Safra) بىر قوللۇق قۇرغان بانكىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. سافرا گۇرۇھىنىڭ قارىمىقىدا بىرازىلىيەگە جايلاشقان سافرا بانكىسى، شىۋېتسارىيەگە جايلاشقان سافرا راسىن بانكىسى ۋە ئامېرىكىغا جايلاشقان سافرا دۆلەت بانكىسى بار.