جىلىن VS شىنجاڭ

爱酷艺
2020-12-11
來源:ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى:





بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ سائەت 20:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 17-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى جىلىن كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.

ئىككى كوماندىنىڭ تارىخى ئۇچرىشىش ئەھۋالى:

شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن جىلىن كوماندىسى بىرلەشمە تارىخىدا جەمئىي 51 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇچراشقان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى بۇ جەرياندا 36 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 15 مەيدان مەغلۇپ بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە دائىملىق مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا 45 قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا 33 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 12 مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىسى بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى كوماندىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشىدا جىلىن كوماندىسى 97:108 نەتىجىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان.

ئىككى كوماندىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى:

جىلىن كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىدا چەتئەللىك ئەزا جونسنىڭ قايتىپ كېلىشى بىلەن 101:109 نەتىجىدە بېيكوڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولۇش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇردى؛ شىنجاڭ كوماندىسى بولسا ئالدىنقى ئايلانمىدا جوۋ چى ۋە چىلىن، شۇنداقلا چەتئەللىك ئەزا موتېيۇناسنىڭ باشچىلىقىدا ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ 111:118 نەتىجىدە لياۋنىڭ كوماندىسى مەغلۇپ قىلىپ، رەقىبىنىڭ ئۇدا ئالتە مەيدان غەلىبە قىلىش قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇردى.

موتېيۇناس قوشۇلغاندىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىدا جوۋ چىنىڭ ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدىسىكى بېسىمى بىر قەدەر يېنىكلىدى. لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن بولغان ئالدىنقى مەيدان مۇھىم مۇسابىقىدە موتېيۇناس جەمئىي 26 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ياش توپچى چى لىن 12 قېتىم ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپ 10 قېتىم كىرگۈزۈپ، كەسپىي ھاياتىدا يەككە مەيدان مۇسابىقىدە 38 نومۇر ئېلىشتەك قالتىس نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا جوۋ چى ۋە موتېيۇناستىن ئىبارەت «قوش مۇنار»نىڭ يېنىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ياردەمچىسى بولۇپ قالدى.

ھالقىلىق توپچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش: جوۋ چى VS جونس

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، شىنجاڭ كوماندىسىدا جوۋ چى يەنىلا يادرولۇق توپچى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئالدىنقى مەيدان لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 28 نومۇر، 15 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىشتەك ئىپادىسىنى نامايەن قىلىپ، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەدە ئوخشاشلا ئۆزىنى ئىسپاتلىدى. بۇ قېتىم جىلىن كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى گار ئاستىدا يەنىلا چوڭ ئەۋزەللىككە ئىگە، بەلكىم جوۋ چى يەنە بىر قېتىم قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشى مۇمكىن.

جونس بۇ پەسىلدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىلا ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى، يەنى 40 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئېلىش ۋە يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بېرىشتەك نەتىجىنى ياراتتى. بىرلەشمىدىكى ئەڭ قالتىس چەتئەللىك ئەزالارنىڭ بىرى بولغان جونس ئىزچىل كۈچلۈك كوماندىنىڭ قاباھەتلىك چۈشى بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى زادى قانداق بولىدۇ؟ شىنجاڭ كوماندىسى تۇنجى ئۇچرىشىشتىكى ئۆچىنى ئالالامدۇ؟ ياكى جىلىن كوماندىسى داۋاملىق كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلىش قەدىمىنى داۋاملاشتۇرالامدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بولسۇن!