جوۋ رۇنفا بىلەن چېڭلوڭ ھەمكارلىقى ھەققىدە

爱酷艺
2020-12-10
來源:网易网




جۇڭگو شياڭگاڭ كىنوچىلىقىنىڭ شانلىق تارىخى تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. «ئىككى جوۋ، بىر چېڭ» ھازىرغىچە نۇرغۇن ئارتىسلارنىڭ تىرىشىش نىشانى ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە جوۋ رۇنفا «جۇڭگو شياڭگاڭ ئوغلى» دېگەن نامغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس بولۇپ باھالانغان، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئەمما جوۋ رۇنفا سەنئەت ھاياتىدا ئەزەلدىن چېڭلوڭ بىلەن ھەمكارلاشمىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال تاماشىبىنلارنى ئىزچىل ئەپسۇسلاندۇرغان.

جوۋ رۇنفا ئىزچىل كېيىنكى ئەۋلاد ئارتىسلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا ياردەم بەرگەن، شۇڭا ليۇ دېخۇا جوۋ رۇنفانىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان.

ئەلۋەتتە، يېتەكچىلىك قىلىش جەريانىدا، جوۋ رۇنفامۇ ليۇ دېخۇاغا يۈز خاتىرە قىلماي تەنبىھ بېرىپ، ئۇنىڭ پوزىتسىيەنى توغرىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

ئەمما جوۋ رۇنفا سەنئەت ھاياتىدا ئەزەلدىن چېڭلوڭ بىلەن ھەمكارلاشمىغان، بۇ ئەھۋال تاماشىبىنلارنى ئىزچىل ئەپسۇسلاندۇرغان.

جوۋ رۇنفا كىچىكىدىن تارتىپ جاپالىق كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۇ تۆۋەن قاتلامدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. باشقىلارنىڭ ئالىيىشىغا ۋە باشقىلار تەرىپىدىن كۆزگە ئىلماسلىق ئۇچرىغان، بۇنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ باش كۆتۈرۈش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. لېكىن ئۇ TVB كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ داۋاملىق يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىگەن.

تەربىيەلەش كۇرسىدىكى مەزگىلىدە، رەھبەرلەرگە ياخشى تەسىر بېرىپ، كۆپلىگەن رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇ دائىم رەتلىك ياسىنىپ، ھەر كۈنى رەھبەرلەر كىرىپ چىقىدىغان لىفىت ئېغىزىدا رەھبەرلەرنى ساقلاپ تۇرغان، تاسادىپىي ئۇچرىشىش ئۇسۇلى بىلەن رەھبەرلەر بىلەن سالاملاشقان، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن رەھبەرلەرگە بەلگىلىك تەسىر بەرگەن، كېيىن جوۋ رۇنفا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىر تەشۋىقات فىلىمىنى سۈرەتكە ئالغان.

جوۋ رۇنفانىڭ بالىلىقتىكى مۈشكۈلاتلىرى، نام چىقىرىشتىكى مۈشكۈلاتلىرى ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىنى تېخىمۇ قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرغان، جوۋ رۇنفا نام چىقارغاندىن كېيىنمۇ ئىزچىل بوشاڭلىق قىلمىغان، ھەمدە ھەر بىر رولغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان. «ناچار رول يوق، پەقەت رول ئېلىش ماھارىتى يېتەرلىك بولمىغان ئارتىسلارلا بار»، بۇ سۆز جوۋ رۇنفادا ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. جوۋ رۇنفا كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن جۇڭگو شياڭگاڭدا داڭق چىقارغاندىن كىيىن، تۇنجى تۈركۈمدە ھوللىۋودقا كىرگەن ئارتىسلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان، ھەمدە بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، جوۋ رۇنفا دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

ئەلۋەتتە، جوۋ رۇنفانىڭ كىنوچىلىق ھاياتىدا، تاماشىبىنلارنىڭمۇ ئەپسۇسلىنىدىغان جايلىرى بار، ئۇ بولسىمۇ رول ئېلىش ئۇسلۇبىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، جوۋ رۇنفا بىلەن چېڭلوڭ ئەزەلدىن ھەمكارلىشىپ باقمىغان.

ئەينى يىلى جوۋ رۇنفانىڭ نامى چىققاندىن كېيىن ئەمدىلا تونۇلۇشقا باشلىغان ليۇ دېخۇا بىلەن ھەمكارلاشقان، ھەمكارلىق مەزگىلىدە، ئۇ ليۇ دېخۇاغا سەۋرچانلىق بىلەن كۆرسەتمە بەرگەن، ھەمكارلىقتىن كېيىن، جوۋ رۇنفا يەنە ليۇ دېخۇانى «غەزەپ دېڭىزىغا تەلپۈنۈش» (投奔怒海) ناملىق كىنودا رول ئېلىشقا تەۋسىيە قىلغان.

بۇ كىنو بىلەن ليۇ دېخۇا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئۇنىڭ جۇڭگو شياڭگاڭ تېلېۋىزىيە-رادىيوچىلىقىدىكى «بەش مەشھۇر ماھىر»غا ئايلىنىشىغا ئاساس سالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ليۇ دېخۇا جوۋ رۇنفانى ئىنتايىن ھۆرمەتلىگەن بولۇپ، ئىككىيلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.

شۇ يىلى ليۇ دېخۇا بىلەن جوۋ رۇنفا بىر كىنودا رول ئالماقچى بولغان، ئەمما جوۋ رۇنفا مەلۇم سەۋەب بىلەن رەت قىلىشنى تاللىغان. ليۇ دېخۇا جوۋ رۇنفانىڭ رەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، جوۋ رۇنفادىن ئۆزىنىڭ ئوخشاش رەت قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى سورىغان، لېكىن جوۋ رۇنفا يۈز خاتىرە قىلماي تەنبىھ بەرگەن.

ئارقىدىن جوۋ رۇنفا يەنە ليۇ دېخۇاغا يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىسنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئۆزىگە تەۋە بولغان بازار ئېچىش ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە رول تاللىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان، ئۇ جوۋ رۇنفانىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قايتىدىن رول ئېلىشقا ماقۇل بولغان.

ليۇ دېخۇا جۇ رۈنفانىڭ يېتەكچىلىك قىلغان شەپقىتىنى ئىزچىل ئېسىدە ساقلاپ كەلگەن، بۇ دەل ئۇنىڭ نام چىقارغاندىن كېيىن، جوۋ رۇنفا ئۈچۈن يانداش رولچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، كىنولاردا جوۋ رۇنفانىڭ نۇرى ليۇ دېخۇانى يېپىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ليۇ دېخۇا ئەزەلدىن پەرۋا قىلىپ باقمىغان.

بۈگۈنكى كۈندە، تاماشا چەمبىرىكىدە بىر قانچە قېتىم داۋالغۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن چولپان سەنئەتكارلار كىنو-تېلېۋىزىيە سەھنىسىدىن ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىپ چىقتى، ھالبۇكى، جوۋ رۇنفا بىلەن ليۇ دېخۇا ئىزچىل تۈردە كىنولاردا رول ئېلىپ كەلدى، بۇ ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بىز ئۇلارنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ كەلگەن تاماشىبىنلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىزگە يەنە نادىر كىنولارنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.