سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن پەن - تېخنىكا پارتلاش خاراكتىرىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ ، بۇنىڭغا 200 يىلمۇ بولمىدى . دىنازاۋۇرنىڭ 100 مىليون يىلدىن ئارتۇق ياشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئىنسانلار تېخى باشلىنىش باسقۇچىدە تۇرۋاتىدۇ 1970 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى « كورا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇرلۇقتا تۆشۈك تېشىش » دەپ ئاتىلىدىغان گېئولوگىيە پەن تەتقىقات پىلانىنى باشلاپ ، 1994 - يىلى خىراجەت يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن بۇ تۈرنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئەينى يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ۋاستىلىرى كولاش جەريانىدىكى بايقاشلارنى غەلىتە خەۋەرلەر بىلەن كۆپتۈرۈپ ھەر خىل خەۋەر قىلغان ، بۇ خەۋەردە ئېيتىلغانلار ھەقىقەت راستمۇ ؟
يەر شارىنىڭ مەركىزى زادى قانداق ؟ بىز يەر تەۋرىگەندە « يەر ئاستىدىن كەلگەن ئاۋاز » زادى نىمە ؟بىز دولقۇننىڭ ئوخشاش بولمىغان ماددىلاردىكى تېزلىكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ، يەر شارىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تۇخۇم بىلەن ئوخشاش دەپ بىكىتەلەيمىز ، بىزنىڭ پۇتىمىزنىڭ ئاستىدىكى يەر يۈزى ئەڭ نېپىز ، تۇخۇمنىڭ شاكىلىغا ئوخشاش ، ئاران 33 كىلومېتىر ئەتراپىدا . ئوتتۇرىسى سۇيۇق ھالەتتىكى « تۇخۇم ئېقى » بولۇپ ، بىز مانتىسسا دەپ ئاتايمىز . مانتىسسادىن تۆۋەنگە 2900 كىلومېتىر ماڭغاندا « تۇخۇم سېرىقى » غا يېتىپ بارىدۇ ، سۇيۇق ھالەتتىكى تاشقى يادرو ۋە قاتتىق ھالەتتىكى ئىچكى يادرودىن تەركىب تاپقان بۇلىدۇ.ھازىر گېئولوگلار يەنە ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئاساسلىق تەركىبىگە ھۆكۈم قىلدى مەسىلەن ،يەر شارىنىڭ تاشقى قېپى ئاساسلىقى سىلىكات تۈرىدىكى ماددىلار ، مانتىسسا تەركىبىدە رادىئوئاكتىپ ماددىلار بار ، يەر يادروسى قىسمى ئاساسلىقى تۆمۈر ، نىكېل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت
لېكىن ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ ؟ بىز بىۋاسىتە يەر مەركىزىگە قاراپ تۆشۈك تېشىپ ، تەكشۈرۈپ باقساق بولامدۇ ؟
20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم بوشلۇقىغا ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەر ئاستىنى ئىگىلەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇررغان . بۇنىڭ ئىپادىسى بولسا قايسى دۆلەت يەر ئاستىنىڭ ئەڭ چۇڭغۇر يىرىگە يېتىپ بارالايدىغانلىقىغا قاراش . ئامېرىكا ئالىملىرى ئاۋۋال « موخو پىلانى » ناملىق تۆشۈك تېشىش تەجرىبىسىنى باشلىدى . ئۇلار يەر يۈزى نېپىزرەك بولغان تىنچ ئوكيان دېڭىز ئاستىنى تاللاپ ، تۆشۈك تېشىش ئارقىلىق يەر پوستى بىلەن مانتىسسانىڭ كېسىشىش قسمىغا يىتىپ بارغاندا بۇ پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان . ، چۈنكى ئالەم بوشلۇقى بىلەن يەر ئاستىنى كولاش ھەقىقەتەن بەك كۆپ پۇل كۆيدۈرىدىغان پىلان ئىدى ، ھەتتا پۇلدار ئامېرىكىمۇ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ، ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرىدا يەر ئاستىنى كولاشتىن ۋاز كېچىپ ، مەخسۇس ئالەم بوشلۇقىغا چىقىشنى تەتقىق قىلغان .
بۇنىڭ ئەكسىچە ، سوۋېتلىكلەر يەر ئاستىدا 20 نەچچە يىل تۈشۈك چىڭ تۇرغان ، بۇ پىلان بىزنى يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى توغىرىسدا تېخىمۇ كۆپ تونۇشقا ئىگە قىلدى . سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى دېڭىز ئاستىدا تۆشۈك كولاشنى تاللىماستىن ، بەلكى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدىكى كورا يېرىم ئارىلى پېچېنگا رايونىنى تاللىغان ، بۇ يەرنىڭ يەر پوستى بىر قەدەر قېلىن ، لىكىن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇزلۇقنىڭ يالىشى ئاستىدا ، بۇ يەرنىڭ يەر پوستى تېخىمۇ ئاجىز ، تۆشۈك تېشىشكە تېخىمۇ قۇلايلىق . 20 نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىسىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر تۆشۈك كورا دەرىجىدىن تاشقىرى تۆشۈكنى تەشكەن بولۇپ ، چوڭقۇرلۇقى 12262 مېتىرغا يېتىدۇ
لېكىن بۇنداق چوڭقۇرلۇقتا كولاش ئۈنچە ئاسان ئەمەس . بۇرغا ھەر ۋاقىت تاش بىلەن سوقۇلۇپ تۇرىدۇ ، گەرچە بۇرغا ئۇچى ئەڭ مۇستەھكەم ماتېرىيالدىن ياسالغان بولسىمۇ ،لىكىن بىر نەچچە كۈنمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . بۇنىڭ ئىېىچىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق شۇكى ، يەر ئاستىدىكى يۇقىرى بېسىم ۋە ℃ 250 تىن ئېشىپ كەتكەن يۇقىرى تېمپېراتۇرا . بۇ چوڭقۇرلۇقتا تاغ جىنسلىرى ئېرىپ سۇيۇقلۇققا ئايلنىدۇ ، مۇشۇنداق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۇلار ئاخىرى بىر قىسىم زور بايقاشلارغا ئېرىشكەن . مەسىلەن ، ئىلگىرى گېئولوگلار يەر ئاستىدىكى 3000 ~ 6000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ گرانىت تاشتىن بازالىتقا ئۆزگەرگەنلىكىنى پەرەز قىلغان ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىغان ، يەر ئاستىدىكى 10 مىڭ مېتىر كېلىدىغان جايدىكى تاغ جىنسلىرى يەنىلا گرانىت تاش ئىكەنلىكىى ئىنىقلانغان . ئۇلار يەنە يەر ئاستىغا ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ، جەمئىي 24 خىل لەيلىمە جانلىقلارنىڭ تاشقاتمىسى بايقىغان
دەل مۇشۇ بايقاشلار بولغاچقا 2012 - يىلى ئەنگلىيە ، ئامېرىكا ، ياپونىيە ۋە گېرمانىيە ئالىملىرى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋە 10 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىلگىرى ئۈزۈلۈپ قالغان « موخو پىلانى » نى قايتىدىن ئېچىشنى پىلانلاپ ، داۋاملىق يەر يۈزىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى گېئولوگىيە ۋە جانلىقلار تەتقىقاتى ئېلىپ بارماقچى بولغان
لېكىن ، بۇ بەلكىم ئىنسانلارغا بىر مەيدان بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئەگەر بىز ئەڭ ئاخىرىدا مانتىسسا قاتلىمىغىچە تېشىپ كىرسەك خەتەرلىك بولامدۇ ؟
بىز بىلىمىز ، يەر ئاستىدا « يەر مەركەزگە ساياھەت خاتىرىسى » دە بايان قىلىنغان تارىختىن بۇرۇنقى غەلىتە مەخلۇق مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ، شۇنداقلا ئالدىنقى قىسىمدا سۆزلەنگەن سېرلىق « كىرىش ئېغىزى » مۇ مەۋجۇت ئەمەس . لېكىن مانتىسسادا زور مىقداردىكى رادىئوئاكتىپ ماددىلار بار ، ئەگەر بۇ ماددىلار يەر يۈزىگە چىقىپ كەتسە ، ئۇلارنىڭ زىيىنى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭكىدىن قىلىشمايدىغۇ دەيمەن
بەلكىم موخو پىلانىنى توختىتىشىمىز كىرەكتۇ . كورا ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بۇرغىلاپ تۆشۈك تېشىشنى توختىتىشمۇ توغرا تاللاش ھېسابلىنىشى مومكىن
يۇقۇملۇق كىسەل
سىز ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ھېكايىلەر ۋە كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە مۇنداق بىر خىل رەزىل قورال - بىئو - خىمىيەلىك قورالنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن . بىرىنجى دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنداق قوراللارنى ئىشلەتكەن
ئەمەلىيەتتە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 1200 - يىللاردىلا شىبېيدىكى خىتتىتلار ئۆزىنىڭ ۋابا بىلەن يۇقۇملانغان جەسىتىنى دۈشمەن تەرەپنىڭ يىرىگە تاشلاپ قۇيۇپ ، دۈشمەن ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ۋابا بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 14 - ئەسىردە موڭغۇل قوشۇنى ياۋروپادا ھەدەپ كېڭەيگەن ، ئۇلار چۇما كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ جەسىتىنى دۈشمەن تەرەپكە ئاپىرىپ تاشلىغان ، چۇما شۇ سەۋەبتىن پۈتكۈل ياۋروپاغا يامرىغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادا تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك چۇما يۇقۇمى يۈز بەرگەن ، ئۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىدا ، ئاز دېگەندە 25 مىليون ياۋروپالىق قازا قىلغان
يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامانغا كەلگەندە بىئوخىمىيىلىك قوراللارنىڭ تۈرى تېخىمۇ كۆپەيدى ، ھۇجۇم ئوبيېكتى ئادەملا ئەمەس بەلكى ئاشلىق ۋە چارۋا ماللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ،سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ئامېرىكا پاراشوك پۈركۈگۈچ بىلەن جۇڭگو ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئېتىزلىرىغا شال ۋاباسى تارقاتقان . بۇ خىل كېسەللىك شال ۋاباسىنى پەيدا قىلىپ ، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئازايتىدۇ
كالا ۋاباسى بولسا بىر خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك . ئۇ كالا ، قوي ، بۇغا قاتارلىق كۆشىگۈچى ھايۋانلاردا تارقىلىدۇ ، بۇ خىل ۋېروستا يۇقۇملانغان ھايۋانلاردا قىزىش ، ھەزىم قىلىش يولى ياللۇغلىنىش ، شاتراق ئۇرۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئاخىرىدا ھايۋانلار سۇسىزلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ . 18 - ئەسىردە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن كالا ۋاباسى يۇقۇمى ئاخىرىدا فىرانسىيەدە ئاچارچىلىق پەيدا قىلغان ،19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق كالا ۋاباسى % 80 - % 90 كالا توپى ئۆلگەن
كالا ۋاباسى ۋىرۇسىنىڭ بىيولوگىيەلىك قورال قىلىپ ئىشلىتىلىش تارىخىمۇ تېخىمۇ ئۇززاق . 13 - ئەسىردە چىڭگىزخان ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغاندا ، كالا پادىلىرىغا كالا ۋاباسى يۇقۇپ قالغان . ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، دۈشمەننىڭ كالا توپىمۇ ئوخشاشلا تەسىرگە ئۇچراپ ، ئاخىرىدا مەغلۇپ بولغان . بەلكىم بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن ئىلھام ئالغان بولۇشى مۇمكىن ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ، كانادا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كالا ۋاباسى ۋىرۇسىنى يوشۇرۇن بىئوخىمىيىلىك قورال سۈپىتىدە تەتقىق قىلغان ،
شۇنداقلا رەقىبىگە زەربە بەرمەكچى بولغان .
ھازىر ئالىملار بىر نەچچە خىل ۋىرۇسنى ئاساسى جەھەتتىن يۇقاتتى ، مەسىلەن ، چېچەك ۋىرۇسى ۋە يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى تەبىئەت دۇنياسىدا بۇ ۋىرۇسلار يوق دېيەرلىك. لېكىن بەزى ئەسەبىي ئالىملار تەجرىبىخانىدا بۇ ۋىرۇسلارنى بىرىكتۈردى . ئامېرىكا شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى شىشى شۆبە مەكتىپىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى خىمىيەلىك بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر خىل سۈنئىي يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنى بىرىكتۈرگەن . ئۇلار توردىن يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ گېن تەرتىپى خەرىتىسىنى تېپىپ ، ئاتلاس بويىچە مۇكەممەل ۋىرۇس گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققان ، ئاخىرىدا ، بىر خىل خىمىيەلىك ئارىلاشمىنى قوشۇپ بىرىكمە ۋىرۇس گېنىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ، تىرىك يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسىنى .ياساپ چىققان . ئۇلار يەنە بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق باشقا ۋىرۇسلارنى بىرىكتۈرگىلى بولىدۇ ، دەپ جار سالغان