گرېزمان پۈتۈن كوماندىنى تەنقىد قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-09
來源:تېڭشۈن تورى

بارسېلونا 3:0 نەتىجىدە يۇۋېنتۇسقا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، گۇرۇپپىدىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى تارتقۇزۇپ قويدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، فرانسىيىلىك توپچى گرېزمان كوماندىنىڭ پوزىتسىيىسىدە مەسىلە بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بەك ئاز يۈگۈرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

گرېزمان مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يېرىم مەيداندا بىزنىڭ ھالىتىمىز ياخشى بولمىدى، بۇ پوزىتسىيە مەسىلىسى. بىز يۈگۈرۈشنى خالىمىدۇق، تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ۋە ھۇجۇم قىلىشنىمۇ خالىمىدۇق، بۇ ئىنتايىن بەتبەشىرە كۆرۈنۈش».

گرېزماندىن ئۇنىڭ بۇنداق دېيىش ئارقىلىق توپچىلارنى ئەيىبلەش مەقسىتى بار-يوقلۇقى سورالغاندا، ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ توپچىلارنىڭ خاتالىقى بولماي يەنە كىمنىڭ خاتالىقى بولاتتى؟ مۇسابىقە ئويناۋاتقان ئادەم بىز، بۇ بىزنى سەگىتىدىغان ھەقىقىي زەربە».