داڭلىق ئالىم يۇقۇم ھەققىدە سۆز قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-08
來源:تېڭشۈن تورى

پۈتۈن يەر شارىدىن قارىغاندا، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يۇقىرى سۈرئەتتە يامراپ، ھەر كۈنى يېڭىدىن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللەر كۆپەيدى، دۆلەت ئىچىدە، يېقىندا شاڭخەي، تيەنجىن، مانجۇرىيە، چېڭدۇلاردايېڭىدىن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللەر پەيدا بولدى.

بۈگۈن سەھەردە، شاڭخەي فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملىنىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېنخوڭ دوختۇر ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا سۆز قىلىپ، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادا تارقىلىش يۈزلىنىشىنى ئەڭ يېڭى پەرەز قىلدى.

640-58.png

رەسىم مەنبەسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى

جاڭ ۋېنخۇڭ دوختۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا شاڭخەيدىكى كۆپلىگەن ئوتتۇرا ھال خەۋپ ـ خەتەر رايونىنىڭ « پېچىتىنى بىكار قىلىش» تا، بۇ قېتىمقى شاڭخەينىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش سىرى ئاساسلىقى دەل جايىدا ئىز قوغلاش ۋە قىسمەن ئوتتۇرا ھال خەۋپ ـ خەتەر رايونىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشىگە تايىنىلدى، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي پائالىيەتتە پەيدا بولىدىغان يوشۇرۇن غايەت زور تەسىر پەيدا قىلىدىغان يۇقۇمدىن ساقلىنىش تۈرىنى تۆۋەنلەتتى.


ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋاكسىنىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا تەدرىجىي ئېچىۋېتىلىدۇ، لېكىن ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئومۇملىشىشى تەس بولغانلىقتىن (مەيلى ھازىر بار بولغان شەخسىي ۋاكسىنا ئەملەش ئارزۇسى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولسۇن ياكى پۈتۈن يەر شارى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بىراقلا ئورۇندىلىشى قىيىن بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋال بولسۇن) ، پۈتۈن يەر شارىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە ئاخىرلاشمايدۇ، توغرا بولغان يۇقۇم مۇداپىئەسى كەلگۈسىدە تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن يەر شارىدىكى ئورتاق تاللاش تۈرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.


دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قارىتا، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن، كەلگۈسىدە يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، تەدرىجىي ھالدا تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يېقىنلىشىدىغان پەسىل خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكىگە ئۆزگىرىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ خەۋپى تارقىلىشچان زۇكامدىن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردا چوقۇم دائىملىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۆلۈمى بولۇشى كېرەك.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: ۋاكسىنا تاڭ نۇرىنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇم ئەھۋالى ئاخىرلاشمىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي 12- ئاينىڭ 4- كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش تەرەققىياتى كىشىلەرگە« تونېلنىڭ ئاخىرىدىكى نۇر» نى كۆرسەتتى، لېكىن يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا يەنىلا ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋاكسىنا بازارغا سېلىنغان تەقدىردىمۇ، كىشىلەر ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

تەن دېسەي مۇنداق دېدى، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەڭ تارقىلىشنى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە قانداق تەرەققىي قىلىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا قايسى ۋاقىتتا ئاخىرلىشىشى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ۋە قارارىغا باغلىق.