« پاراۋانلىق لاتارىيە "قوش رەڭلىك توپ" ئۇيۇنى بىر مىليارد 200 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتىدە شىنجاڭدىن يەنە چوڭ مۇكاپات چىقىپتۇ، مۇكاپات سوممىسى 30 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.»، 11 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىدىكى 65230219 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مىليون يۈەن مۇكاپات چىققانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالدى. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مۇكاپات زادى قانداق بارلىققا كەلگەن؟ تەلەي ئىگىسى لاتارىيەنى قانداق سېتىۋالغان؟ تۆۋەندە كۆپچىلىككە 34 مىليون 617 مىڭ 425 يۈەنلىك دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ مۇكاپاتنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ فامىلىسى ياڭ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بولۇپ، 11- ئاينىڭ 30- كۈنى ئەتىگەندىلا ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتكەن.
مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، ياڭ خانىم مۇكاپات چىقىش جەريانىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« راست گەپنى قىلسام، مىنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، لاتارىيە سېتىۋالغىنىمغا كۆپ يىل بولدى، ئۇسۇل ئىزچىل ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، پەقەت بىر < ساقلاش> تىن ئبىارەت. بۇ مۇكاپات نومۇرىنى مەن ئىلگىرى ھېس قىلغانلىرىمغا ئاساسەن تاللىغان، ساقلاۋاتقىلى خېلى يىللار بولدى، ئىزچىل ۋاز كەچمىدىم، ئادەتتە دو تىككەن ۋاقىتلاردا كۆپ بولغاندا ئالتە يۈەن خەجلەيمەن. مۇكاپات چىقمىسىمۇ ھېچقىسى يوق، مۇكاپات چىقسا ئەلۋەتتە خۇشال بولىمەن، مۇكاپات چىقمىسا، جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بۇلىمەن»-دېدى.
ياڭ خانىم يەنە سەل تۇرۇۋېلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: « 29-نويابىر چۈشتىن كېيىن، مەن ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65230219 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدىم، بۇ نومۇرغا بىر ھەسسە دو تىكتىم، لېكىن مال ساتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر دەل« قوش رەڭلىك توپ» 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلى بولۇپ، ئەگەر يەككە لاتارىيىدىكى سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشسا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشسە، مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن، بۇ چاغدا كاللامدا تۇيۇقسىز 20 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتنىڭ سۈرىتى پەيدا بولدى شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە بۇ نومۇرغا قارىدىم بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن بۇ نومۇرغا يەنە تۆت ھەسسە دو تىكتىم.»-دېدى.
ئەتىسى سەھەردە ياڭ خانىم ئورنىدىن تۇرۇپلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى مال ساتقۇچىنىڭ تەبرىك تېلېفونىنى تاپشۇرىۋالدى. « مەن مال ساتقۇچى بىلەن تونۇشقىلى خېلى يىللار بولدى، باشتا مەن تېخى ئۇنى مېنى ئەخمەق قىلدى دەپ ئويلىغان ئىدىم ۋە شۇ چاغدا گاڭگىراپ قېلىپ، مۇكاپات نومۇرى بىلەن لاتارىيە بېلىتىنى خېلى كۆپ قېتىم سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمگە ئىشەندىم. »ــ دېدى ياڭ خانىم.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ياڭ خانىم دو تىككەن 5 دو 6 + 3 قايتىلانما لاتارىيەدىن ئىككىسى جەمئىي 34 مىليون 617 مىڭ 425 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە« قوش رەڭلىك توپ» 4 دو بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتى 6 مىليون يۈەن ۋە بىر دو بىرىنچى دەرىجىلىك ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق مۇكاپاتىدىن 625 مىڭ يۈەن بار ئىكەن.
مۇكاپات پىلانىنى سورىغاندا، ياڭ خانىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:« پاراۋانلىق لاتارىيەسى ماڭا بەرگەن بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى سوۋغاتقا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن ئاخىرى ئاپامنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش توغرىسىدىكى ۋەدەمنى نەقلەشتۈرىدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق بىر كىشىلىك كۈچۈمنى قوشىمەن ھەم ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە كۆپرەك ئىش قىلىمەن.»-دېدى.
جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىقىغا كۈچ قوشۇپ، دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ لاتارىيەچىلەرنىڭ ئامەتكە ئېرىشىشىنى، مېھىر-شەپقەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، تەھرىر بۇ يەردە يەنە كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتى ئاممىۋى سورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاتارىيەچىلەر پونكىت ئىچىدە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسىي مۇداپىئەنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقى، ماسكا تاقىشى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ئۆلچىشى، ئارىلىقنى ساقلىشى، ئاز سۆزلىشىشى، توختاپ قېلىشىنى ئازايتىشى كېرەك.