ھەمكارلىشىشنى خالىمايدىغان چولپانلار

ئەلكۈيى تورى
2020-12-04
來源:بەيدۇ تورى



بىز كۆپلىگەن ئەر ۋە ئايال ئارتىسلارنىڭ بىر-بىرى، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى ئارىسىدىكى تالاش ـ تارتىشلارنى كۆردۇق.

بىز بىراۋنى ياخشى كۆرمىگەندە ئۇلار بىلەن ئارىلىق ساقلاشقا باشلايمىز، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنى خاتىرجەملىكتىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم بوللىۋود چولپانلىرىمۇ بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ.

شاھرۇھ خان بىلەن ئاجەي دېۋگان

بوللىۋود شاھى شاھرۇھ خان ئادەتتە كاجول بىلەن ياخشى ئۆتىدۇ. ئۇلار بىرلىكتە كۆپلىگەن مۇھەببەت كىنولىرىنى ئىشلىگەن.

كاجولنىڭ يولدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاجەي دېۋگان ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ بىللە بولۇشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە

ئىلگىرى خان بىلەن دېۋگاننىڭ كىنوسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قويۇلغان، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ھەمكارلاشماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

سالمان خان بىلەن ئاشۋارىيا راي باچچان

سالمان خان ئىلگىرى ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن مۇھەببەتلەشكەن. ئۇلار «ئۇسسۇل رىشتى» (Hum Dil De Chuke Sanam) ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغان. ئاشۋارىيا راي دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئاياللارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن سالمان خان بىلەن ئىككى يىل يۈرگەن. ئۇلار مۇناسىۋىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان. لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى سالمان خان سەۋەبلىك ئاخىرلاشقان.

ئاكشاي كۇمار بىلەن رانى مۇكەرجى

رانى مۇكەرجى رومانتىك كىنو خانىشى دەپ تەرىپلەنگەن. لېكىن رانى كەسپىي ھاياتىدا ئىزچىل ئاكشاي كۇمار بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغان. بۇنى بىلگەن ئاكشاي كۇمارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقمىغان.

دېپىكا پادۇكون بىلەن سالمان خان

دېپىكا پادۇكون بوللىۋودتىكى كۆپلىگەن ئارتىسلار بىلەن ھەمكارلاشقان. ئۇ «سۇلتان» (Sultan) ناملىق كىنودا رول ئېلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندا دەرھال رەت قىلغان. بۇنىڭدىن سالماننىڭ ئاچچىقى كەلگەن ھەمدە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشماسلىقنى قارار قىلغان.

رانبىر كاپور بىلەن كانگانا رانۇت

رانبىر كاپور ھىندىستان ۋە بوللىۋودتىكى داڭلىق ھەمدە كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئارتىسلارنىڭ بىرى. داڭلىق ئارتىسلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن كانگانا بىلەن رانبىرنىڭ «تولغىما ئۇسسۇل چولپىنى» (Rockstar) ۋە «مەرگەن رانى» (Revolver Rani) ناملىق كىنولىرى ئوخشاش بىر كۈندە قويۇلغاندا ئۇلار سوغۇق ئۇرۇشىنى باشلىغان. ئۇلار كېيىنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتمىدى.

جون ئابراھام بىلەن بىپاشا باسۇ

جون ئابراھام بوللىۋودتىكى ئەڭ ئالقىشلىق ۋە مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنىڭ بىرى. جون ئابراھام بىلەن بىپاشا باسۇ بىر نەچچە يىل ئارىلاشقان. لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشقان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كىنودا ھەمكارلاشقۇسى كەلمىگەن.

پرىيانكا چوپرا بىلەن كارېننا كاپور

پرىيانكا چوپرا ئۇنىڭ رولى ۋە كىنوسىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. لېكىن ئىككەيلەن ھەمكارلاشقان بىر كىنودا كارېننانىڭ ئىپادىسى پرىيانكانى بېسىپ چۈشكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۈرىشى توختاپ باقمىدى. كېيىن ئۇلار كاران جوھارنىڭ «قەھۋە» ناملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا پەيدا بولدى.

كەرىشما كاپور بىلەن ئابېشىك باچچان

ئابېشىك باچچان بوللىۋودتىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن چولپاننىڭ ئوغلى. كەرىشما كاپور بىلەن ئابېشىك باچچان بىرلىكتە كۆپلىگەن ئالقىشلىق كىنولاردا رول ئالغان. ئۇلار خېلى بىر مەزگىل مۇھەببەتلەشكەن ھەمدە چاي ئىچۈرۈلگەن. توي ئىشى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلار ئېكراندا قايتا كۆرۈنمىدى.

ئاكشاي كۇمار بىلەن شىلپا شىتتېي

ئاكشاي كۇمار بوللىۋودتىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ كۆپلىگەن بوللىۋود گۈزەللىرى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىشلىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ شىلپا شىتتېي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى بىر باشقا چىقمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئېكراندا بىللە پەيدا بولۇپ باقمىدى.

شاھرۇھ خان بىلەن پرىيانكا چوپرا

شاھرۇھ خاننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال ئارتىسلارنىڭ بىرى پرىيانكا چوپرا بىلەن بىر مەزگىللىك ئالاھىدە مۇناسىۋىتى بولغان. شاھرۇھ خاننىڭ ئايالى گورى خان ئىككىسىنى ئايرىۋەتكەن ھەمدە كىنودا رول ئېلىشىنى چەكلىگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىللە كىنو ئىشلەپ باقمىدى.