تور چولپىنى تەنناز سۈرەتكە چۈشۈپ قولغا ئېلىندى

ئەلكۈيى تورق
2020-12-04
來源:تېڭشۈن تورى




سۈرەتتە ئۇ قەدىمكى مىسىر كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، 4700 يىللىق تارىخقا ئىگە پەلەمپەيسىمان پىرامىدا ئالدىدا ھەرخىل شەكىللەرنى چىقىرىپ سۈرەتكە چۈشكەن.

مىسىرلىق بىر فوتوگراف پىرامىدا ئالدىدا قەدىمكى مىسىر كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيگەن ئايالنى سۈرەتكە تارتقانلىقى ئۈچۈن شۇ جايدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
ئەنگلىيە «ئوتتۇرا شەرق كۆزى» تور بېكىتىنىڭ 2-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سۈرەتكە ئېلىنغان بۇ ئايال تور چولپىنىنىڭ ئىسمى سارما شىمى بولۇپ، ئۇ مىسىردىكى داڭلىق مودېل، ئالاقە تورىدىكى ئەگەشكۈچىلىرى 80 مىڭغا يېتىدۇ.
يېقىندا، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئاشكارا ھەمبەھرىلەنگەن سۈرەتلىرى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. سۈرەتتە ئۇ قەدىمكى مىسىر زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقاپ، 4700 يىللىق تارىخقا ئىگە پەلەمپەيسىمان پىرامىدا ئالدىدا ھەرخىل تەنناز شەكىلدە سۈرەتكە چۈشكەن.

بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەن تورداشلار سارما ئۈچۈن بەس-بەستە «ئادالەتنى ياقلاپ» ساقچى تەرەپنىڭ «قوش ئۆلچەم» قويغانلىقىدىن گۇمانلاندى، چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەت سىرتىدىن كەلگەن مودېل ۋە ساياھەتچىلەردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۈرەتكە تارتىش قىلمىشى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن جازالانمىغانىدى. سارما ئۆزىمۇ بۇ ئىشقا ناھايىتى غەزەپلىنىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مىسىر ئالىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ۋاچىلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساقچى تەرەپ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، مىسىرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا پايدىسىز ھەرقانداق قىلمىش جازاغا ئۇچرايدۇ.