مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قىشلىق تەتىل توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-03
來源:中国维吾尔语广播CNR




يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «بۇ يىل قىشلىق، كېلەر يىل ئەتىيازدا مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دەپ قىسقارتىلىدۇ) تارقىتىپ، جايلار ۋە مەكتەپلەردىن بۇ يىل قىشلىق، كېلەر يىل ئەتىيازدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش لىنىيەسىنى مەھكەم ساقلاپ، بۇ يىل قىشلىق، كېلەر يىل ئەتىيازدا مەكتەپ ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

قىش كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇققان يەرلىك بىمارلار كۆرۈلدى. «تاشقى جەھەتتە كىرىشنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ۋەزىيىتى كەسكىن، ۋەزىپە مۈشكۈل. مەكتەپلەردە قىسمەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈز بېرىش خەۋپى زورايماقتا. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار ۋە مەكتەپلەر بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىل ئەتىيازنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ھالقىلىق مەزگىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەكتەپلەردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە تارقاتقان ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەر قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ كۈز، قىش پەسىلدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تېخنىكا لايىھەسى جەھەتتە قويۇلغان تەلەپلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئادەم كۈچى بىلەن ماددىي كۈچ ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىشنى تەڭ تۇتۇپ، كۆپ خىل كېسەللىكتىن تەڭ مۇداپىئە كۆرۈشى، كۈندىلىك باشقۇرۇش بىلەن توپلىشىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىنىپ، ئاشخانا، ياتاق، تەجرىبىخانا قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋاقىت، ئورۇن، مەكتەپكە قاراپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش لايىھەسىنى تەپسىلىي تۈزىشى، بۇ يىل قىش، كېلەر يىل ئەتىيازدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە باشقا كۆپ كۆرۈلىدىغان تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ گىرەلىشىپ تارقىلىشىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە مەكتەپلەر توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سوغۇق ساقلىنىدىغان ئىمپورت يېمەكلىك زەنجىرى ئارقىلىق كىرىش خەۋپىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇداپىئەلىنىشى، تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، يېمەكلىك سېتىۋالغۇچى خادىملارنىڭ قوغدىنىش خىزمىتىنى كەسكىن ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇسۇسىي قوغدىنىش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى، قولىنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، «بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاش» قاتارلىق تازىلىق ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشىگە ھەقىقىي يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەردە قىشلىق، ئەتىيازلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ مۇھىتى ۋە تازىلىقىنى ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت سۆيەر تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، قىش، ئەتىيازدا مەكتەپ ئىچىدە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ دائىملىشىشىغا كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار ۋە مەكتەپلەر قىشلىق تەتىل ۋە ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بالدۇر پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، پەن تەتقىقاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دائىملاشتۇرۇشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر «بېسىقتىن قېچىپ ئورۇنلاشتۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەندە مەكتەپتىن تۈركۈم بويىچە تەرتىپلىك ئايرىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەكتەپتە قالغان ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. تۇرۇشلۇق جاينىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلەشمە مۇداپىئەلىنىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى (رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، قوماندانلىق بۆلۈمى)نىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2021-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى بالدۇر پىلانلاپ، ئۆز جايى، ئۆز مەكتىپىنىڭ ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىشى لازىم.