دۇنيادا ھەممە ئادەمنىڭ دوستى بولىدۇ، لېكىن قەدىرلەشكە ئەرزىگۈدەك دوست- ھەقىقىي دوستۇر. سىزنىڭ شۇنداق دوستىڭىز بارمۇ؟
ھەقىقىي دوست دېگىنىمىز تەۋەلىك، جىنس، قېرى - ياش، باي - كەمبەغەل، يۇقىرى - تۆۋەن دەپ ئايرىمايدىغان، مەيلى يىراق ياكى يېقىندا بولسۇن، مەيلى پايدا يەتكۈزۈڭ يەتكۈزمەڭ قەلبىدە ھەر ۋاقىت سىزنى ياد ئېتىدىغان كىشىدۇر.
ھەقىقىي دوست ئەڭ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ، چۈنكى مەيلى قانداقلا ۋاقىتتا بولسۇن ئۇ سىزنى چۈشىنىدۇ. مەيلى قانداقلا ئىش قىلماڭ ھالىڭىزغا يېتىدۇ، سىزنى قەدىرلەيدۇ. ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق جايدا سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ. ھەر ۋاقىت سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.
بىر ھەقىقىي دوستقا ئېرىشسىڭىز، ئۇ دوستىڭىز سىزگە سەمىمىي نىيەتتە بولسا بۇ سىزنىڭ بەختىڭىزدۇر. ئۇ دىلكەش، ئاقكۆڭۈل بولسا، بۇ سىزنىڭ بايلىقىڭىزدۇر. ئۇ سىزگە سىرداش، مۇڭداش بولسا، بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىزدۇر.
ئۇ سىز بىلەن ئىچىلىپ يېيىلىپ سۆزلىشىپ سىزگە سىرداش بولىدۇ، سىزگە ئىچى باغرىنى تۆكىدۇ، بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىدۇ.
ھەقىقىي دوست كۈندە ھاراق سورۇنىدا رومكا سوقۇشتۇرۇپ، تاغدىن باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرمايدۇ. سىزگە ھاجىتى چۈشكەندە سىزنى ئىزدەپ، ھاجىتى چۈشمىگەندە سىزدىن قاچمايدۇ. ھوقۇقىڭىز، پۇلىڭىز بار چاغدا سىزگە ياخشىچاق بولمايدۇ. بەلكى سىز تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا سىزگە ياردەم قىلىدۇ، سىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا سىزنى يۆلەيدۇ.
ھەقىقى دوست سىزدىكى خاتالىق، يېتەرسىزلىكىنى بايقىغان ھامان سىزنى تەنقىدلەيدۇ، خاتالىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سىز ئىلگىرىلىگەندە، نەتىجە قازانغاندا سىزنى قۇتلۇقلايدۇ، سىزگە ئىلھام بېرىدۇ.
ھەمتاۋاق دوست تاپماق ئاسان، ئېغىر كۈنلەردە بىرگە بولىدىغان دوست تېپىش تەس. بايلىق دوست ئەمەس، دوست مەڭگۈلۈك بايلىق.
تونۇشۇش تەقدىر، چۈشىنىش ئامەت، ھەمراھ بولۇش ئۆمۈرلۈك بەختتۇر.
مەيلى قەدىناس دوست بولسۇن ياكى سىرداش دوست بولسۇن، مەيلى ئېغىر كۈنلەردە ھەمدەم بولغان دوست بولسۇن ياكى مەڭگۈلۈك دوست بولسۇن، پەقەت ھەقىقىي دوستلا بولىدىكەن قولغا قول تۇتۇشۇپ، بەخت ناخشىسى ياڭرىتىپ، بۇ ئۇزۇن ھايات مۇساپىسىنى بىرلىكتە باسىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق دوستىڭىز بارمۇ؟