خۇاڭ شياۋمىڭ كىنو ئىشلەۋېتىپ يۈرىكى بىئارام بولۇپ يىقىلىپ قالدى

爱酷艺
2020-12-02
來源:腾讯




11-ئاينىڭ 29-كۈنى، رېژىسسور دوڭ يۆ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئارتىس خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ يېڭى كىنونى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن 10 كىلوگىرام ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبلىك يۈرىكى بىئارام بولۇپ، سەھنە جابدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى ھەمدە چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، خۇاڭ شياۋمىڭ ھازىر دوڭ يۆ رېژىسسورلۇق قىلغان يېڭى كىنو «يالغان چاچ كىيگەن ئادەم» (戴假发的人)نى سۈرەتكە ئېلىۋاتقان بولۇپ، رولىنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىش ئۈچۈن، رېژىسسور دوڭ يۆ خۇاڭ شياۋمىڭنى 15 كىلوگىرام ئورۇقلاشنى تەلەپ قىلغان، تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاش ئۈچۈن، خۇاڭ شياۋمىڭ تاماقنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى تاللىغان، ھازىر ئۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا 10 كىلوگىرام ئورۇقلىدى.

سۈرەتتىن خۇاڭ شياۋمىڭدا يېقىندىن بۇيان ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، خېلىلا ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. رېژىسسور دوڭ يۆمۇ يازما ئېلان قىلىش جەريانىدا، خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ بۇ شەرەپكە ئىگە بولۇشىغا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇ ئارقىلىق خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ «كىنو پادىشاھى» دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇاڭ شياۋمىڭ رول ئېلىش ئۈچۈن سالامەتلىكىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنى نەقەدەر قەدىرلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.