بايرېن مىيۇنخېن بىر مەيدان مۇسابىقىدە تۈرلۈك رېكورتلارنى ياراتتى

ئەلكۈيى تورى
2020-12-02
來源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا 5-ئايلانما مۇسابىقىسىدە، گېرمانىيە بىرلەشمىسى زەردارى بايرېن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى مادرىد ئاتلېتكا بىلەن مۇسابىقىلەشتى، بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن ئىككى كوماندا 1:1 نەتىجىدە تەڭلەشتى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن بايرېن مىيۇنخېن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئۇدا 15 مەيدان غەلىبە قىلىش قەدىمى ئاخىرلىشىش بىلەن بىرگە يەنە مېھمان مەيداندىكى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ئۇدا 16 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىقتەك نەتىجىنى يارىتىپ، بۇ جەھەتتە تارىختا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى.

ئۆتكەن 15 مەيدان چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە بايرېن مىيۇنخېن ئۇدا غەلىبە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندىكى نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

بايرېن مىيۇنخېن 0:3 بېلگراد قىزىل يۇلتۇز

توتېنھام 7:2 بايرېن مىيۇنخېن

ئولىمپياكوس 3:2 بايرېن مىيۇنخېن

بايرېن مىيۇنخېن 0:2 ئولىمپىياكوس

بېلگراد قىزىل يۇلتۇز 6:0 بايرېن مىيۇنخېن

بايرېن مىيۇنخېن 1:3 توتېنھام

چېلسى 3:0 بايرېن مىيۇنخېن

بايرېن مىيۇنخېن 1:4 چېلسى

بارسېلونا 8:2 بايرېن مىيۇنخېن

لىئون 3:0 بايرېن مىيۇنخېن

پارىژ سانت گېرمان 1:0 بايرېن مىيۇنخېن

بايرېن مىيۇنخېن 0:4 مادرىد ئاتلېتكا

موسكۋا پاراۋوز 2:1 بايرېن مىيۇنخېن

سالزبۇرگ 6:2 بايرېن مىيۇنخېن

بايرېن مىيۇنخېن 1:3 سالزبۇرگ