ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى: خەلقئارا مىلان 2:3 مونشېنگلادباخ

ئەلكۈيى تورى
2020-12-02
來源:تېڭشۈن تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ بەشىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان ھالقىلىق مۇسابىقە بورۇسسىيا باغچىسى توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا مونشېنگلادباخ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە خەلقئارا مىلاندىن گاللىياردىنىنىڭ پاس بېرىشى بىلەن دارمىئان كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، لاۋتارو كۆپ قېتىم خەتەر پەيدا قىلدى، مونشېنگلادباختىن پلېئا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە لاۋتارونىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، خەلقئارا مىلاندىن بروزوۋىچنىڭ پاس بېرىشى بىلەن لۇكاكۇ بىر توپ كىرگۈزۈپ، قايتىدىن مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كەينىدىن ئاچرافنىڭ پاس بېرىشى بىلەن لۇكاكۇ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مونشېنگلادباختىن پلېئا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، ئاشلېي يوڭ قۇرۇق قاپقىغا توپ كىرگۈزەلمىدى، پلېئا يەنە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئىناۋەتسىز قىلىندى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە مونشېنگلادباخ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا مېھمان مەيداندىكى خەلقئارا مىلان ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، لاۋتارونىڭ كەينى-كەينىدىن تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، ئاشلېي يوڭنىڭ تەپكەن توپىنىمۇ مۇداپىەچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت بولغاندا، خەلقئارا مىلان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، گاللىياردىنىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن پاس بېرىشى بىلەن دارمىئان چەكلەنگەن رايون ئىچىدە كىچىك بۇلۇڭدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، خەلقئارا مىلان داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، بارېيرانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، لاۋتارونىڭ كەينى-كەينىدىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، مونشېنگلادباختىن رېينانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كىچىك تۇرامنىڭ تەپكەن توپىنىمۇ قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، مونشېنگلادباخ بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، مونشېنگلادباخ ھۇجۇم تەشكىللەپ، لازارونىڭ پاس بېرىشى بىلەن پلېئا چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ قاپقىغا كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئىككى كوماندىنىڭ 1:1 نەتىجىدە تەڭلىشىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مونشېنگلادباخ ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، كىچىك تۇرامنىڭ تەپكەن توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، خەلقئارا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، لۇكاكۇنىڭ تەپكەن تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، لاۋتارونىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تەگدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 64 مىنۇت بولغاندا، خەلقئارا مىلان بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارا مىلان ھۇجۇم تەشكىللەپ، بروزوۋىچنىڭ ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن لۇكاكۇ توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن توققۇز مىنۇت ئۆتكەندە خەلقئارا مىلان يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، خەلقئارا مىلاندىن سانچېز ھۇجۇم تەشكىللىشى بىلەن ئاچراف توپنى ھەيدەپ، لۇكاكۇغا پاس يەتكۈزدى، لۇكاكۇ توپنى ھەيدەپ يەكمۇيەك ھالەتتە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 75 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، ساھىبخان مەيداندىكى مونشېنگلادباخ بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، مونشېنگلادباخ تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ، پلېئا ئوڭ تەرەپتىن توپنى ھەيدەپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، خەلقئارا مىلاندىن ئاشلېي يوڭ قۇرۇق قاپقىغا توپ كىرگۈزەلمىدى، مۇسابىقە 83 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، پلېئا يەنە بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئورۇن ھالقىغان دېگەن ھۆكۈم بىلەن، كىرگەن توپ ئىناۋەتسىز قىلىندى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا خەلقئارا مىلان مېھمان مەيداندا 2:3 نەتىجىدە مونشېنگلادباخ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، گۇرۇپپىدىن چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.