دۇنيا گۈزىلى بولغىنىغا 20 يىل بولغان پىريانكا

ئەلكۈيى تورى
2020-12-01
來源:بوللىۋود تورى



20 يىل ئىلگىرى پرىيانكا چوپرا (Priyanka Chopra) دۇنيا خانقىزى (گۈزىلى) تاللاش مۇسابىقىسىدە تارىخ ياراتقان. تۈنۈگۈن كەچتە بۇ ئايال ئارتىس ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يازما يوللاپ 20 يىل بۇرۇنقى ئالاھىدە ۋاقىتنى ئەسلىگەن.

پرىيانكا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا دۇنيا خانقىزى تاجىغا ئېرىشكەندىكى سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەن ھەمدە مۇنداق يازغان: «20 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە 2000-يىللىق دۇنيا خانقىزى مەيدانغا كەلگەن.»

ئارقىدىنلا پرىيانكانىڭ خىزمەت ئىشخانىسىمۇ يازما يوللاپ مۇنداق دەپ يازغان : «20 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە بارىلىيلىق 18 ياشلىق پرىيانكا چوپرانىڭ كۆزلىرى ئارزۇ- ئارمانلارغا تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى پۈتۈن دۇنيانى مەپتۇن قىلغان ھەمدە دۇنيا خانقىزى شەرىپىگە ئېرىشكەن.»

ئىشىنىمىزكى، بۇ كۈن بۇ ئايال ئارتىسنىڭ خاتىرىسىگە مەڭگۈلۈك ئورناپ كېتىدۇ.

现在看回Priyanka Chopra当时的照片,我觉得她是真的很漂亮,水嫩青春而且看起来很高贵。