دىڭجېن قانداق قىلىپ كىشىلەرنى جەلپ قىلالىدى؟

ئەلكۈيى تورى
2020-11-30
來源:سىنا تورى



11-ئاينىڭ 12-كۈنى توردا سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى ئوبلاستى لىتاڭ ناھىيەسىدىكى پادىچى زاڭزۇ ئۆسمۈر زاشى دىڭجېن (扎西丁真)گە ئائىت سۈرەتلەر كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك سۈرئەتتە تارقالدى. زاشى دىڭجېن ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ يۇرتى-لىتاڭ، سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى زاڭزۇ رايونىدىكى بۇ كىچىك كەنتمۇ تورداشلارنىڭ بېرىشقا تەلپۈنىدىغان جايىغا ئايلىنىپ قالدى.

25-چېسلا «زاشى دىڭجېننىڭ دۇنياسى» (丁真的世界) ناملىق ئۈچ مىنۇتلۇق قىسقا فىلىم ئېلان قىلىندى. يۇقارقى فىلىمدە زاشى دىڭجېننىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ھەمدە يۇرتى گەنزى ئوبلاستىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى خاتىرىلەنگەن. زاشى دىڭجېن ئادەتتە قارلىق تاغ ئېتىكىدە ئات-كالا باقاتتى، بوش ۋاقىتلىرىدا ئاغىنىلىرى بىلەن كۆل بويىغا بېرىپ تاش تېرىپ، سۇ ئۈزۈپ، كېچىسى گۈلخاننى چۆرىدەپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايتتى.

قىسقا فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تېزلا كۆپچىلىكنىڭ بەس ـ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. تورداشلار: «بۇ جاي بەك گۈزەل ئىكەن، مۇشۇنداق تۇرمۇشقا تولىمۇ ئىنتىلىمەن» دېيىشتى.

كىشىلەر ئىزچىل ھالدا زاشى دىڭجېننىڭ كېلىشكەن تاشقىي قىياپىتىغىلا دىققەت قېلىپ، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلمىدى. زاشى دىڭجېن توردا ئالقىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پات ئارىدا تاماشا چەمبىرىكىگە كىرىدىغان خەۋىرى تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئەمما ئۇزۇنغا قالماي بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقى ئىسپاتلاندى. چۈنكى، زاشى دىڭجېن ھەرگىزمۇ سىرتقى قىياپىتىگە تايىنىپ جان بېقىشنى ئويلاپ باقمىغان، شۇ سەۋەبلىك ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ تىرىشىپ يۇرتىغا ئائىت مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەندى، ھەرۋاقىت يۇرتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلىدى. تورداشلار «خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيمەن» دەپ قارىغان « پاراللېل دۇنيا»سىدا ھەرۋاقىت ياشلارغا خاس رىقابەت كۈچىنى ساقلاپ، تورداشلار بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرلىدى.

18-چېسلا سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى ئوبلاستى لىتاڭ ناھىيەسى ۋېنلۈ تەنتەربىيە مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دەلىللىشىچە، زاشى دىڭجېن بۇ شىركەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، بۇ شىركەتنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى لىتاڭ ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ، يەنى يۇرتىنى تەشۋىق قىلىش. بۇ شىركەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، لىتاڭۋېن ساياھەت شىركىتى لىتاڭ ناھىيەلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت ئىكەن. زاشى دىڭجېننى بەش خىل سۇغۇرتا، بىر فوند ھەمدە ھەر ئايلىقى 3500 يۈەنلىك مائاش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى ئىنتېرنېت دەۋرىدە، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بىر كىچىدىلا «چولپان»غا ئايلانغانلىقىدەك مىساللار ئاز ئەمەس. ئەمما زاشى دىڭجېنغا ئوخشاش يۇرتىدا قېلىشنى تاللاپ، دۆلەت كارخانىسىغا كىرىشىنى تاللايدىغانلار كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبلىك زاشى دىڭجېننىڭ «يۇرتىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇش»دەك بۇ ئاددىي ھەم قىممەتلىك قارارى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە خەنزۇ تىلى ۋە خىزمىتىگە ئائىت باشقا بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يۇرتىنىڭ مۇنەۋۋەر ساياھەت ئوبراز ئەلچىسى بولۇشقا تىرىشتى. ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان مەستانىلەرمۇ ئۇنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، زاشى دىڭجېن ھەمدە گەنزى ئوبلاستىدىكى كىچىك بالىلارغا نۇرغۇن كىتاب سوۋغا قىلدى.

زاشى دىڭجېننىڭ بىر كېچىدە نام چىقىرىشى بەلكىم تەلەيدۇر. ئەمما كېيىنكى بىر قاتار ئەلا سۈپەتلىك پىلانلاش ۋە تەشۋىقات ھەرگىزمۇ بىر-ئىككى كۈندىلا پۈتىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. «زاشى دىڭجېننىڭ دۇنياسى» ناملىق فىلىمنى شىچا ئارىلى بىلەن سىچۈەن ئۆلكىسى گەنزى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن. فىلىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، گەنزىۋېن ساياھەت شىركىتىنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگى بۇ فىلىمنى دەرھال تارقاتتى ھەم گەنزىدىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىدىغانلىقىنى، ئۈچ چوڭ ئايرودرومنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى بىرىكتۈرۈش قاتارلىق ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئېلان قىلدى. تورداشلار بەس ـ بەستە: «بۇ ساياھەت تەشۋىقاتى بەك قالتىس بوپتۇ، كۆرۈپ بولۇپ دەرھال گەنزى ئوبلاستىغا بېرىپ ساياھەت قىلايلى» دېيىشتى.

كىچىك ناھىيەنىڭ بۇنچە ئالقىشىغا ئېرىشىشى ئاسان ئەمەس، شۇڭا سىچۈەن گەنزى ھۆكۈمىتى تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقتى. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە «زاشى دىڭجېن نەزىرىدىكى گەنزى» تەشۋىقات فىلىمىنى ئىشلەپ، ئالاقىدار ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، گەنزىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كۆز ئالدىغا نامايان قىلدى. ھۆكۈمەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىنى يېڭىش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلىدى. ئۇلار ئىزچىل بىر پۇرسەتنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، زاشى دىڭجېن دەل مۇشۇ پۇرسەت ئىدى. ئەلۋەتتە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىنى يېڭىش ئۈچۈن قانچىلىك تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەنلىكى، قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى مۆلچەرلىيەلمەيمىز. لېكىن بۇ قېتىم ئۇلار ئاخىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە لىتاڭنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دېمەڭ زاشى دىڭجېننىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭ يۇرتىنىڭ ساياھەت كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.

ھازىر پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى زاشى دىڭجېننى شۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ.

چۈنكى زاشى دىڭجېن فىلىمدا ئۆزىنىڭ شىزاڭغا بېرىپ كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى تىلغا ئالغان. 25-چېسلا كەچتە، شىزاڭ گېزىتىنىڭ مىكرو بىلوگىغا:«زاشى دىڭجېن، بىز سىزنى شىزاڭدا ساقلايمىز» دەپ يوللىغان خەۋىرى تورداشلارنى مەمنۇن قىلدى.

سىچۈەن گېزىتىمۇ كەينىدە قېلىشنى خالىماي، مىكرو بىلوگقا:«سىرتقى دۇنيانى كۆرسىڭىز مەيلى، ئەمما يۇرتىمىزدا كۆپچىلىكنىڭ سىزنى ساقلاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ» دېدى. ئارقىدىن، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئورگان مىكرو بىلوگلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەكلىپ قېلىش سېپىگە قوشۇلۇپ، بەس-بەستە شۇ جاينىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، مەززىلىك تائاملىرىنى يوللاپ زاشى دىڭجېننىڭ كېلىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرغۇن ياشلارمۇ زاشى دىڭجېننى ئۈلگە قىلىپ، يۇرتىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ، ئۆز يۇرتىنى تونۇشتۇرۇش سېپىگە قېتىلدى. ئادەتتە چولپانلارنىڭ چوڭ-كىچىك خەۋەرلىرى بىلەن تولىدىغان قىززىق نۇقتىلار، ئەمدىلىكتە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىدىغان مەدەنىيەت خەۋەرلىرى بىلەن توشتى، تورداشلار خۇرسەنگەن ھالدا: «يۇرتىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردۇق ھەمدە ھەر قايسى جايلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلاندۇق. بۇ خىل ھەمبەھىرلىنىش قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك ئىكەن. بۇنداق ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى يەنە كۆپرەك ئىزدەيلى!» دېيىشتى.

ئاق ئات مىنگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا شاھزادە بولۇشى ناتايىن، بەلكىم «مەرۋايىت» (زاشى دىڭجېننىڭ ئېتىنىڭ ئىسمى)نى مىنىپ يايلاقتا چېپىپ يۈرگەن زاشى دىڭجېن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئىزچىل خۇشال-خۇرام، ئەركىن-ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدا تېخىمۇ كۆپ «زاشى دىڭجېن»نىڭ بارلىققا كېلىشىنى، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!



ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ ئۆزىڭىزنىڭ يانفۇنىغا ماس ھالدا چۈشۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ