بىر ئەۋلاد پۇتبول رىۋايىتى مارادونا رەسمىي دەپنە قىلىندى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-27
來源:تېڭشۈن تورى


بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولدى. بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، بىر ئەۋلاد پۇتبول رىۋايىتى مارادونا رەسمىي دەپنە قىلىندى. مارادونانىڭ جەسەت ساندۇقى ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭ سارىيى روزى سارىيىدا خوشلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇ جەسەت توشۇش ماشىنىسى بىلەن بۇئېنۇس ئايرېسنىڭ مەركىزىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىستا قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ كېلىندى، ھەمدە ئاتا-ئاتىسىنىڭ قەبرىسى يېنىغا دەپنە قىلىندى. قەبرىستانلىققا تۇتىشىدىغان يولدا، نۇرغۇنلىغان ئارگېنتىنالىقلار يول بويىغا يىغىلىپ مارادونانى ئۇزۇتۇپ قويدى. قەبرىستانلىققا كەلگەندىن كېيىن، تەخمىنەن 30غا يېقىن تۇغقان ۋە دوستلىرى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت قېرىندىشى، تۆت بالىسى، سابىق ئايالى كلاۋدىيا، سابىق قىز دوستى ئوجېدا ۋە ئىتالىيەنىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇسېپپې مانزو قاتارلىقلار دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتى.