چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى B گۇرۇپپىسىنىڭ رەت تەرتىپ ئەھۋالى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-27
來源:سىنا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 4-ئايلانمىسىدىكى B گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، مونشېدگىلادباخ ساھىبخان مەيداندا 4-2 نەتىجىدە دونستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسىنى، خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا 2-0 نەتىجىدە خەلقئارا مىلاننى مەغلۇپ قىلدى. بۇ ئايلانما مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مونشېدگىلادباخ سەككىز نومۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، خانلىق مادرىد يەتتە نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، دونستېك كان ئىشچىلىرى كوماندىسى تۆت نومۇر بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا، خەلقئارا مىلان ئىككى نومۇر بىلەن ئەڭ كەينىدە تۇرماقتا. خەلقئارا مىلان گۇرۇپپىدىن چىقماقچى بولسا، كېيىنكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىشى، شۇنداقلا باشقا كوماندىنىڭ «ئىلتىپاتى»غا قارىشى كېرەك.

B گۇرۇپپىنىڭ 5-ئايلانما مۇسابىقىسدە، دونستېك كان ئىشچىلىرى ساھىبخان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن، مونشېدگىلادباخ ساھىبخان مەيداندا خەلقئارا مىلان بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

B گۇرۇپپىنىڭ 6-ئايلانما مۇسابىقىسدە، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا مونشېدگىلادباخ بىلەن، خەلقئارا مىلان ساھىبخان مەيداندا دونستېك كان ئىشچىلىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.