مارادونانىڭ ئۆلۈمى پۇتبول دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالدى. ناپولى رەئىسى دېلاۋرېنتىس ئورگان تورىدا مارادوناغا يازغان تەزىيەنامىىسنى ئېلان قىلىپ، ناپولىنىڭ ساھىبخان مۇسابىقە مەيدانى بولغان سان پاۋلو مۇسابىقە مەيدانىنىڭ مارادونانىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
مارادونا 24 ياش ۋاقتىدا ناپولىغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ كوماندا پەقەت ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئوتتۇراھال سەۋىيىلىك كوماندا ئىدى. مارادوناغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ناپولى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۇلار ئىككى قېتىم ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا، بىر قېتىم ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
دېلاۋرېنتىس ئۆز خېتىدە مۇنداق دېدى: «سېنىڭ سەزگۈرلۈكۈڭ ۋە قەيسەرلىكىڭ، شۇنداقلا ئائىلەڭ ۋە تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتىڭ سېنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىڭنى، ئورنۇڭنى ھېچكىم باسالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. سېنىڭ ئاجىز تەرىپىڭ، سەندىكى داغ ۋە خاتالىقلار سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن ئوخشاشلا قىممەتلىك. بۇلار سېنى تېخىمۇ غايىۋىلاشقان ئەپسانىگە ئايلاندۇرىۋەتمەستىن، بەلكى سېنى ئادەتتىكى ئىنسانلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇدى».
«مەن سان پاۋلو مۇسابىقە مەيدانىنى سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ئاتاشنىڭ توغرا قارار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن، چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندىلا سەن بىز بىلەن بىللە بۇ كوللېكتىپنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۇلۇغ تەرەققىيات يولىنى كۆرۈپ تۇرالايسەن».
«سېنىڭ ناپولىدىكى ھاياتىڭ تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، رەھمەت ساڭا دىيېگو، ھازىر ۋە كەلگۈسىدە سەن مەڭگۈ بىز بىلەن بىللە».