ئامەتلىك لاتارىيەچى مەمەت 1 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2020-11-19
來源:

11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى مەمەت شايار ناھىيەسىدىكى 65290239 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات 1 مىليون يۈەنگە ئېرىشتى. 11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەمەتنىڭ ئوغلى ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىدە پەيدا بولۇپ، دادىسىغا ۋاكالىتەن مىليون يۈەنلىك چوڭ مۇكاپاتنى ئالدى.

ئىگىللىنىشچە، 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى مەمەتنىڭ خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، مەمەت خوتۇنىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئەتىگەندىلا تاللا بازىرىغا بېرىپ سوۋغا سېتىۋالغان. 65290239 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇ تۇيۇقسىز: بۈگۈن ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بىر نەچچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقاي- دەپ ئويلىدى، پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىغا ئالاھىدە ئامراق مەمەت پونكىت ئىچىگە كىرىپلا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى تاللاشقا باشلىدى.

مەمەت ئالدى بىلەن تۆت پارچە «ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر» لاتارىيە بېلىتىنى تاللاپ قىرىشقا باشلىدى، نەتىجىدە 20 يۈەنلىك كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئاندىن ئۇ يەنە قىممىتى 30 يۈەنلىك «ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» نى ياقتۇرۇپ قېلىپ، تەرتىپ بويىچە بەش پارچە ئالدى. ئۇ بەش پارچە «ئەڭ قىممەتلىك ئالتۇن» نىڭ ھەممىسىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم دەپ ئويلاپ، خۇشال ھالدا مال ساتقۇچىغا:«خاپا بولماي قاراپ باقسىڭىز، ماڭا 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتىمۇ؟» ـــ دېدى. بېلەت ساتقۇچى:« بولىدۇ، مەن كۆرۈپ باقاي»-دەپ جاۋاب بەردى. بېلەت ساتقۇچى خادىم دو تىكىش ماشىنىسىدا مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن تۇرۇپلا قالدى، بۇ نەدىمۇ 100 مىڭ يۈەن بولسۇن! بۇ ئېنىقلا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر مىليون يۈەن ئىدى.

ئەس-ھوشىنى تاپقان مال ساتقۇچى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:« سىزنىڭ بۇ مۇكاپات سوممىڭىزنىڭ "1"نىڭ كەينىدە ئالتە دانە "0" بار، بۇ 1 مىليون يۈەن !!!، بۇ بىزنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىمىزدىكى تۇنجى 1 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات! مۇبارەك بولسۇن! »-دېدى، مەمەت بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تەمكىنلىك بىلەن:« بىر مىليون، ئاز پۇل، ئاز پۇل! بۇ پۇلنى ئايالىمغا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى سۈپىتىدە بېرىمەن.»-دىدى، مال ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭغا مۇكاپات ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، مەمەت خۇشال ھالدا تاللا بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىتىپ قالدى.

1.png