جاۋ ئەپەندى 534692 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

2020-11-16
來源:

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2020101 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى جاۋ ئەپەندى 2 + 8 بولغان پۈتۈن قايتىلانما لاتارىيە بېلىتىگە تايىنىپ، 2 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات، 24 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە 30 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 534692 يۈەن بولدى. 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، جاۋ ئەپەندى ئايالىنىڭ ھەمراھلىقىدا، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆزىگە تەۋە بولغان بۇ مۇكاپاتنى ئالدى.

جاۋ ئەپەندى ئادەتتىكى خىزمەتچى بولۇپ، خىزمىتى مۇقىم، ئائىلىسى بەختلىك ئىدى، ئۇنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىۋېلىشى دەسلەپكى قىزىقىشتىن تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئويۇن تۈرلىرى ۋە دو تىكىش شەكىللىرى ئىچىدە، جاۋ ئەپەندىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى بولۇپ، گەرچە ئىلگىرى 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن تەكرار دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقتىن، ئاز بولمىغان كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ـــ« مۇكاپات چىقسىلا مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، مەن خۇشال بولىمەن.» ــ دېدى جاۋ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ.

10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، جاۋ ئەپەندى ئوغلىغا ھەمراھ بولۇپ ئۆگىنىش بۇيۇملىرى سېتىۋالدى، ئۇ ئوغلىنىڭ ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى تاللاۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئالدىراپ ـ تېنەپ ياندىكى 65010654 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىردى. ۋاقىت قىس بولغاچقا، جاۋ ئەپەندى ئۆزى ۋە ئايالى، ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈن نومۇرى، يان تېلېفون نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، 10، 13، 16، 17، 24، 25، 28، 30، 05، 13 نى بىرىكتۈرۈپ، 8 + 2 قايتىلانما دو تىكىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، جاۋ ئەپەندى ئوغلى بىلەن ئۆيگە قايتتى.

جاۋ ئەپەندى 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم گەرچە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن ئازراقمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ھېس قىلمىدىم! يېقىندىن بۇيان مەن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلسەملا بىر قانچە پارچە "ئالتۇندەك چاقنىغان نۇر" لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتىم، لىنكولىن ماشىنا مۇكاپاتى چىقىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن قوش رەڭلىك توپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، ئەمدى لىنكولىن ماشىنا مۇكاپاتىنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى قالمىدى! مەن ئۆزۈم ماشىنا سېتىۋالغىلى بارىمەن!»-دېدى.

1.png