شاھرۇھ خان قاتارلىق بوللىۋود چولپانلىرى مارادوناغا تەزىيە بىلدۈردى

alkuyi.com
2020-11-26
來源:nur

پۇتبول شاھى مارادونانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرى دۇنيانى زىل-زىلىگە كەلتۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى، ھەرقايسى ساھەدىكى شەخىسلەر بەس-بەستە ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈردى. ئەلۋەتتە بوللىۋودمۇ بۇ رىۋايەتلىك پۇتبول چولپىنىنىڭ بىزدىن ئايرىلغانلىقىغا قايغۇردى. شاھرۇھ خان، رانۋېر سىڭ، ئارجۇن كاپور قاتارلىق بوللىۋود چولپانلىرى مارادونانىڭ ئۆلىمىگە بولغان ئېچىنىشىنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

شاھرۇھ خان: «دىيېگو مارادونا، سىز پۇتبولنى تېخىمۇ گۈزەل قىلدىڭىز، بىز سىزنى سېغىنىمىز»، دېدى.

پۇتبول مەستانىسى ئابېشىك باچچان: «مارادونانى سېغىنىمىز، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى»، دەپ يازدى.

ئارتىس سايانى گۇپتا مارادونىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ پۇتبولنىڭ نېمىلىكىنى بىلگەندىن تارتىپ مارادونا توغرۇلۇق ئاڭلاپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مارادونادىنمۇ ئۇلۇغ پۇتبولچى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەرىشما كاپور مارادونا بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ مارادونانى بىرنەچچە قېتىم كۆرگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنى سېغىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارادونا توغرۇلۇق ھۆججەتلىك فىلىم «دىيېگو مارادونا»(2019)نى ئىشلىگەن رېژىسسور ئاسىف كاپادىيا مارادونا بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى تورغا چىقاردى ھەمدە ئۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا مارادونا بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتلىرىنى ئەسلىدى.

رانۋېر سىڭ، ئارجۇن كاپور ۋە كارېننا كاپور خانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىجىتمائىي ئالاقە تورىدا ئاكونتلىرىدا مارادونانىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان ئېچىنىشى ۋە سېغىنىشىنى بىلدۈردى.