پۇتبول شاھى مارادونا ۋاپات بولدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-26
來源:懂球帝

تۇيۇقسىز يۈز بەردى! نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مارادونا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

نۇرغۇن چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئارگېنتىنالىق پۇتبول شاھى ، پۇتبول رىۋايىتى مارادونانىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن 60 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

20201126

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: ئارگېنتىنا« بۇرغا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مارادونانىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز سوقۇشتىن توختىغان، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك ،   ئارقىدىن بۇ ئاخبارات ۋاستىسى مارادونانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، بۇ خەۋەر يەنە كوبى رادىئو ئىستانسىسى، ماكا گېزىتى قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

20201126

ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى رىۋايەتلىك چولپان، بىر ئەۋلاد «پۇتبول شاھى» مارادونا بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ 60 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ تېخى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئوپېراتسىيە ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولغان، تېخى يېقىندا دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيىدە ئارام ئالىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

未标题-1.jpg


مارادونا 1960-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئارگېنتىنادا تۇغۇلغان بولۇپ، پۇتبول دۇنياسىدا توپچى ۋە ترېنېرلىق سالاھىيىتىدە ھەممەيلەنگە تونۇلغان. ئۇ 1975-يىلى 10-ئايدا ئارگېنتىنا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنى باشلاپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىغان بولۇپ، 1977-يىلى 9-ئايدا ئارگېنتىنا ياشلار كوماندىسىنى باشلاپ خەلقئارا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، 1978-يىلى ئارگېنتىنا ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن بولۇپ باھالانغان ئەڭ ياش توپچىغا ئايلانغان. 1982-يىلى 7-ئايدا مارادونا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى زەردارى بارسېلوناغا قوشۇلغان، 1984-يىلى 7-ئايدا پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ كۆپ يۆتكىلىش ھەققى بولغان يەتتە مىليون 500 مىڭ ياۋرو باھادا ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ناپولىغا قوشۇلغان. 1986-يىلى مارادونا ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، 1990-يىلى 7-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىدا ئارگېنتىنا كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گېرمانىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. 1997-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى مارادونا توپچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. 2008-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇ ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسى ترېنېرلىقىغا تەيىنلەنگەن، 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مارادونانىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ترېنېرلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.