ئامەتلىك لاتارىيەچى تۇغۇلغان كۈنىدە 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-24
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى


11 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، چۆچەك شەھىرى لاتارىيە بازىرىدا خۇش خەۋىرى تارقالدى __ چۆچەك شەھىرى 65420110 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى مۇ ئەپەندى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «شياۋخۇاڭرېن» 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشتى!

ئىگىلىنىشىچە، مۇ ئەپەندىم پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى بۇلۇپ، لاتارىيە سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان، ئېرىشكەن كىچىك مۇكاپاتلىرى ساناقسىز بولۇپ، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان. 11-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇ ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، دوستلىرى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىمەكچى بولۇپ، ۋاقىتنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىنىغاچ ۋاقىت ئۆتكۈزدى. مۇ ئەپەندى بىر پارچە «شياۋخۇاڭرېن» لاتارىيە بېلىتىنى كۈرۈپ، لاتارىيە بېلىتى ئۈستىدىكى تىك سىزىقلىق كود نومۇرى «116» دەپ يېزىلغانلىقىنى بايقىدى، بۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 11-ئاينىڭ 6-كۈنىگە ئۇدۇللا كەلگەن ئىدى. مۇ ئەپەندى مال ساتقۇچىغا قىزىقچىلىق قىلىپ:« ياڭ ھەدە، بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، بۇ لاتارىيە بېلىتى ماڭا تەييارلىغان كاتتا مۇكاپاتمۇ قانداق؟»-دېدى ۋە لاتارىيە بېلىتىنى قىرىشقا باشلىدى، مۇكاپات رايوندا «يانفون» بەلگىسى پەيدا بولدى، مۇ ئەپەندى قاتتىق ھەيران بولۇپ:«چىقتى؟ مۇكاپات چىقتى!؟ بىر نۆل، ئىككى نۆل ...يۈز مىڭ يۈەن ئىكەنغۇ! بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات!!»-دەپ ھايانلىق بىلەن توۋلاپ كەتتى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ:«يەنىلا پاراۋانلىق لاتارىيەسى مېنى چۈشىنىدىكەن، تۇغۇلغان كۈنۈمدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن! 100 مىڭ يۈەن! بۇنىڭدىن كېيىن بىرەر يېڭى ئويۇن بولسا، يەنىلا كۆپرەك قاتنىشىش كېرەك ئىكەن!»-دېدى.

4.png