ئامەتلىك لاتارىيەچى تۇنجى قېتىمدىلا 30 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-24
來源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ساۋەن ناھىيەسىدىكى 65429302 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ھەقىقەتەن «كىشىنى خۇشال قىلىدىغان جاي» بولۇپ، 10 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى 300 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىققاندىن كېيىن، ئاران ئون كۈن ئۆتۈپلا يەنە 30 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىقتى.

ئەي ئەپەندى ئىلگىرى پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، لېكىن ئۇنىڭ يېقىن دوستى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى. 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئەي ئەپەندى دوستى بىلەن 65429302 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى، دوستى بىر تەرەپتىن قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى قىرغاچ، بىر تەرەپتىن ئەي ئەپەندىگە ھەر بىر خىل لاتارىيە بېلىتىنىڭ قىممىتى ۋە ئويناش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان لاتارىيە بېلەتلىرى ئىچىدىن ئەي ئەپەندى قىزىل پانۇسلارنىڭ نۇسخىسىنى ياقتۇرۇپ قالدى ۋە بەش پارچە سېتىۋالدى. بەش پارچىنى قىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئەي ئەپەندى مال ساتقۇچى شياۋيۈەننى مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى، نەتىجىدە شياۋيۈەن بۇنىڭ ئىچىدە بىر پارچە «كارپ بېلىقى» دېگەن تۇمارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ خۇشال ھالدا: «ئەي ئاكا، سىزگە 30 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ!»-دېدى، ئەي ئەپەندىمنىڭ يېقىن دوستى ئالدىراپ كېلىپ:«دوستۇم، سىزنىڭ تەلىيىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن! قالتىس، قالتىس!»-دېدى، شۇ چاغدا ئەي ئەپەندى داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى، بىر ھازادىن كېيىن ئاندىن ئېسىگە كەلدى.

مۇكاپات ئالغاندىن كېيىن، ئەي ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مەن ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ بۇنداق تەلەيلىك ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەلمەيمەن، ئىلگىرى لاتارىيە بېلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش مېنى چوڭ مۇكاپاتنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالسا ھەم مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بار بولىدۇ، ياخشى ئىش-ھە!»-دېدى.

3.png