تىرامپ نېمىشقا بايدېنغا ئۇتتۇرۇپ قويدى؟

ئەلكۈيى تورى
2020-11-08
來源:تېڭشۈن تورى

بۇ يىل ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئەگرى ـ توقايلىققا تولغان يىل بولدى، بېلەت تاشلاشقا باشلىغاندىن باشلاپلا ھەرخىل ۋەقەلىكلەر كەم بولمىدى.

بىراق ئامېرىكىدا ئەڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ زۇڭتۇڭ بولىدىغانلىقىنى تېخى جەزملەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، تىرامپنىڭ سايلام بېلىتى جەھەتتە بايدېنغا ئۇتتۇرۇپ قويغىنى ئوبيېكتىپ پاكىت.

بىزگە مەلۇمكى، تىرامپ بۇنىڭدىن بۇرۇنلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، ھەتتا بايدېن ئىزچىل تىرامپقا جەڭ ئېلان قىلالمىغان، بايدېننىڭ يېشى، ئاجىزغىنە تەسىرى كۈچى، كەلگۈسى تۆت يىلدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن تىرامپقا يەتمەيدۇ، ھەممەيلەن تىرامپنىڭ ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ دەپ قارايتتى، لېكىن بۈگۈنكى نەتىجە ھەممىڭلارغا ئايان.

ئۇنداقتا تىرامپنىڭ قىلغان ئەجرىنىڭ بىكارغا كېتىشىگە زادى نېمە سەۋەبچى بولدى؟

تىرامپنىڭ بايدېنغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشى ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ سەۋەبتىن بولغان:

1. يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى

تىرامپ بايدېنغا قارىتىلغان سايلام جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ يادرولۇق سەۋەب دەل يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

يۇقۇم كەڭ كۆلەمدە يامراپ كېتىشتىن بۇرۇن، بايدېننىڭ تىرامپقا جەڭ ئېلان قىلىش پۇرسىتى يوق ئىدى، ئەگەر يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا، تىرامپ ھازىر ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولاتتى.

ئۇنداقتا، تىرامپ نېمە ئۈچۈن يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ؟

2. يۇقۇمنىڭ ھەيۋىسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەسىرىگە پۈتۈنلەي خاتا ھۆكۈم قىلىندى.

تىرامپ يۇقۇم ئەھۋالىنى سىياسىيلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە يۇقۇمنىڭ ھەيۋىسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارغا بولغان تەسىرىگە خاتا ھۆكۈم قىلدى.

تىرامپ ھۆكۈمىتى ئىلىم ـ پەنگە ئەھمىيەت بەرمىدى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە قۇلاق سالمىدى، نەتىجىدە يۇقۇم ئەھۋالى ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلىپ، بىۋاسىتە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى، ئىقتىسادنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشىنى، جەمىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كۆپلىگەن يۇقۇملىنىش ۋە قازا قىلىش ئەھۋاللىرى تىرامپ ھۆكۈمىتىگە ئېغىر زەربە بولدى،

شۇ سەۋەبلىك قوللاش نىسبىتى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى ھەمدە ئاخىرىدا سايلامنىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىششىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يۇقۇم ئەھۋالى ئاز دېگەندىمۇ تىرامپنى ئىككى كىشىلەر توپىنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قىلدى، بىرى ياشانغانلار توپى، ئەسلىدە بۇ كىشىلەر توپى تۆت يىل ئىلگىرى تىرامپنى قوللىغان، بۇ يىل يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم كىشىلەر تىرامپنى قوللاشنى رەت قىلدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا ياشلار، تىرامپنىڭ پوزىتسىيەسى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى تىرامپقا قارشى تۇرۇش سېپىگە قوشتى ھەمدە ئاخىرىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ سايلام بېلىتىدىن مەھرۇم قالدۇردى.

ئويلاپ باقايلى، تىرامپ دەسلەپتىكى سايلام بېلىتىدە يەنىلا بايدېندىن يۇقىرى ئىدى، بۇيىلقى سايلام بېلىتى 2016-يىلى تىرامپنى قوللايدىغانلار تاشلىغان سايلام بېلىتىدىن كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن 7 مىليوندىن كۆپرەك ئىدى، بۇ ئەمەلىيەتتە شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئەگەر يۇقۇم بولمىسا، تىرامپ چوقۇم زور ئۈستۈنلۈك بىلەن ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەيتتى.

3. سايلام رىقابىتىدە قوللانغان تاكتىكىسى

تۈرلۈك ئالامەتلەر تىرامپنىڭ سايلام رىقابىتىدە قوللانغان تاكتىكىسىدا ئېغىر سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سەۋەنلىك قەيەردە؟

ئوخشاشلا يۇقۇم ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ سايلام ئەھۋالىغا بولغان تەسىرنى تۆۋەن چاغلاپ قالغان، تىرامپ بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى سايلىغۇچىلارغا بېلەت تاشلاش پونكىتىغا بېرىپ نەق مەيداندا بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنىدى، بۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەنئەنىسى؛

دېموكراتلار پارتىيەسى بولسا ئەكسىچە، بايدېن بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى سايلىغۇچىلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋاز بېرىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. دەل مۇشۇ خىل پەرق بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ قېتىمقى سايلام بېلىتىنىڭ ئىستاستىكا ئەھۋالىدىن قارىغاندا، پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلىغان ئىشتاتلارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، تىرامپ دەسلەپتە ھەممىنىڭ ئالدىدا ئىدى، ئەمما پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن سايلام بېلىتىنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بايدېن تىرامپتىن ئېشىپ كەتتى.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇنچە كۆپ ئادەم پوچتا ئارقىلىق سايلام بېلىتى ئەۋەتىدۇ؟

بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى سەۋەب بار: بىرى، يۇقۇمنىڭ سەۋەبىدىن.

يۇقۇمىنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر نەق مەيدانغا بېرىپ بېلەت تاشلاشنى خالىمىدى، شۇڭا پوچتىدىن بېلەت ئەۋەتىش چوقۇمكى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولىدۇ، دېموكراتلار پارتىيەسىنى قوللايدىغان سايلىغۇچىلار بولسا سايلام بېلىتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىشكە مايىل بولدى.

ئىككىنچى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ بېلەت تاشلاش تۈزۈمى ئۆزگەردى. ئامېرىكىدا 50 ئىشتات بار بولۇپ، سايلام بېلىتىنى ئىلتىماس قىلغاندىلا ئاندىن سايلام بېلىتىگە ئېرىشكىلى بولاتتى، لېكىن بۇيىل تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ھالدا سايلام بېلىتى سايلىغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بىۋاسىتە پوچتىدىن ئەۋەتىلدى. بىۋاسىتە سايلىغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئەۋەتىشنىڭ ئۈنۈمى كۆپچىلىكنىڭ ئاۋاز بېرىشى تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئاسان قىلدى، ھەتتا بەزى ئىشتاتلار ئىلگىرى سايلام بېلىتىنى پوچتىدىن ئەۋەتىشنى قەتئىي قارشى تۇراتتى، بۇ يىل يۇقۇمنىڭ سەۋەبىدىن قوللاشقا مەجبۇر بولدى.

شۇنداق قىلىپ، ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىنىڭ سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش ۋە بېلەت تاشلاش تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن، تېخىمۇ قولايلىق بولۇپ، سايلام بېلىتىنى تولدۇرۇپ پوچتا ساندۇقىغا تاشلاپ قويسىلا بولىدۇ، ھەتتا پوچتا ئىدارىسىگە بارمىسىمۇ بولىدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى بېلەت تاشلاش نۇقتىلىرىنىڭ بېلەت تاشلاش ساندۇقىغا بىۋاسىتە تاشلاپ قويسىلا بېلەت تاشلىغان بولىدۇ. پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلاش سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلىشىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى، بۇ ئەھۋال مۇنداق ئىككى رول ئوينىدى: بىرىنچى، بۇ يىللىق بېلەت تاشلاش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئىككىنچى، ئەسلىدىنلا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۆچىرەتتە تۇرۇشنى خالىمايدىغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن بېلەت تاشلىدى، نەتىجىدە بايدېننى قوللايدىغان سايلىغۇچىلار ئەلۋەتتە بېلەتنى تېخىمۇ كۆپ مۇددەتتىن بۇرۇن پوچتىدىن ئەۋەتەلىدى.

بايدېننى قوللايدىغان سايلىغۇچىلار كۆپ مىقداردا بېلەتنى مۇددەتتىن بۇرۇن پوچتىدىن ئەۋەتكەچكە، بايدېننىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئاشتى، تىرامپ بولسا نەق مەيداندا بېلەت تاشلاشنى قوللاش سەۋەبىدىن بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىدى، بۇ بىر كۆپىيىپ، بىر ئازلاش، سايلام بېلىتىدە پەرق پەيدا قىلىۋەتتى.

ئەمەلىيەتتە، بىر قانچە ھالقىلىق شىتاتتا،بايدېننىڭ سايلام بېلىتى تىرامپنىڭكىدىن كېيىن كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت تىرامپتىن ئازراقلا كۆپ.

بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، ئەگەر تىرامپمۇ بايدېنغا ئوخشاش بالدۇرلا پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلاشنى قوللىغان بولسا، بەلكىم ئەسلىدە قولدىن بېرىپ قويۇشقا تېگىشلىك بولمىغان بەزى سايلام بېلىتىدىن ئايرىلىپ قالمايتتى، شۇنداقلا بايدېننى يېڭىشى مۇمكىن ئىدى.

ئەلۋەتتە، تىرامپمۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن سايلام بېلىتىنى ئىناۋەتسىز قىلىپ غەلىبە قىلماقچى ئىدى، شۇڭا ئۇ سايلام رىقابىتىدە ئىزچىل پوچتىدىن بېلەت تاشلاشقا ساختىلىق قىلىش گۇمانى بارلىقىنى چىڭ تۇردى، ئۇ نەق مەيدانغا بېرىپ بېلەت تاشلاش كېرەكلىكىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلىدى، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن بېلەتتىن قۇرۇق قالدى.

ئۈچىنچى دىپلوماتىيە سىياسىتى

تىرامپنىڭ تاشقى سىياسىتى بەكلا چىكىدىن ئېشىپ كەتتى، جۈملىدىن خەلقارا تەشكىلاتلارغا، ئىتتىپاقداشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە بەكلا يېنىكلىك قىلدى، بۇ ئامېرىكىنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى تەسىر كۈچىنى تېز سۈرەتتە ئاجىزلاشتۇرۋەتتى.

بۇ خىل ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سەرخىللىرى تىرامپنىڭ نۇرغۇن سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر تىرامپنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى تۇردى. ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ساھەسىدىمۇ تىرامپنى ياقتۇرمايدىغانلار، تىرامپنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرىدىغانلار كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىرامپنىڭ نۇرغۇن ئىشتاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى ناچار، جۈملىدىن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى بەزى ئىشتاتلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا قارشى بېلەت تاشلىدى، نۇرغۇن ئىشتاتلارنىڭ باشلىقلىرى تىرامپقا ئېنىق قارشى تۇرغان، بۇ تىرامپنىڭ سايلام ئەھۋالىغا بىر قەدەر زور سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە كەلمىگەن بولسا، تىرامپ راستتىنلا يېڭىشى مۇمكىن ئىدى.