كۆز-كۆز قىلىش ئادەمنىڭ تۇغما ئىقتىدارى، بۇنى ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ.
لېكىن ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلسا، ئۆزىگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كىشىنى بىزار قىلىدۇ، ھەتتا ئۆزىگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئادەم مەلۇم ياشقا بارغاندا سۈكۈت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، كەمتەرلىك بىلەن ئىش قىلىشى كېرەك.
1
پۇل-مالنى سىرتقا ئاشكارلىماسلىق، باي بولغاندا يالغۇز يۈرمەسلىك كېرەك.
«زېڭگۇاڭ دانىشمەنلىرى»دە مۇنداق دېيىلگەن: «مېھمان مالدىن ئايرىلمايدۇ، بايلىقنى ئاشكارلاشقا بولمايدۇ.»
دېمەكچى بولغىنى، سىرتتا ساياھەت قىلىۋاتقان كىشىلەر يۈك-تاقلىرىدىن خالىغانچە ئايرىلماسلىقى، پۇل-مېلىنى ئاسانلىقچە باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىكى، ئوغرىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئادەمدە ھەسەتخورلۇق پىسخىكىسى بولىدۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ پۇل مېلىنى خالىغانچە ئاشكارىلاپ قويسا، ئاسانلا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
«غەربكە ساياھەت»تە مۇنداق بىر ھېكايە بار.
تاڭ سېڭنىڭ شاگىرتلىرى بۇتخانىغا كەلگەندە، بۇتخانىدىكى قېرى راھىب گۆھەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ تاڭ سېڭغا كۆز-كۆز قىلدى. سۇن ۋۇكۇڭ ئۆزىنى بېسىۋالالماي، تاڭ سېڭنىڭ كاساياسىنى ئېلىپ چىقىپ قېرى راھىبقا كۆز كۆز قىلدى.
تاڭ سېڭ: ـــ شاگىرتىم، باشقىلار بىلەن بايلىق جەھەتتە بەسلىشىمەن دېمە، سەن بىلەن مەن سىرتتا يالغۇز، بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن، ـــ دەپ نەسىھەت قىلدى.
سۇن ۋۇكۇڭ ھەيران بولۇپ: «كاسايانى باشقىلارغا كۆرسەتكەنگە نېمە بولاتتى؟» دەپ سورىدى.
ئويلىمىغان يەردىن چوڭ راھىب كاسايانى كۆرگەندىن كېيىن نىيىتى بۇزۇلۇپ، كاسايانى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بولۇپ، راھىبلار بىلەن بىرلىشىپ، كېچىدە تاڭ سېڭنىڭ شاگىرتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتمەكچى بولدى.
كېيىن، ئۇستاز-شاگىرتلار ئوت دېڭىزىدىن ئامان ئېسەن قالغان بولسىمۇ، كاسايانى يەنىلا قارا تاغ ئېيىقى ئوغرىلاپ كەتتى.
كونىلار مۇنداق دېگەن: «باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىدە بولماسلىق، ئادەمدىن مۇداپىيە كۆرۈش نىيىتىدە بولۇش كېرەك»
بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ۋە بايلىق ئاساسى كەمچىل بولسا، باي بولغان ھامان ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش پىسخىكىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە باشلايدۇ. لېكىن ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ھەممىسى شەخسىي ئىشقا تەۋە، ئەگەر دوستلار چەمبىرىكىدە كۆزگە كۆرۈنسە، باشقىلارنىڭ سەمىمىي ھەۋىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيلا قالماي، يەنە يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ، ئۆزىگە زۆرۈر بولمىغان زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
خۇددى قەدىمكى زاماندىكى شى چۇڭ ئىسىملىك بايغا ئوخشاش، شامنى ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈرۈپ، كىمخاب توقۇپ، 50 چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتا پايانداز ياساپ، ئۆزىنىڭ نەچچە ئون تۈپ، ئېگىزلىكى تۆت چى كېلىدىغان مارجان دەرىخىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنگە ئوخشاش.
ئائىلىنىڭ باي بولۇشى ئەلۋەتتە ياخشى ئىش، لېكىن باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلسا ئادەمنى بىزار قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
ھەقىقىي ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پۇختا بولىدۇ، «قانداق باي بولۇش»نى بىلىدۇ.
چۈنكى، ئابرۇيپەرەسلىككە قارىغاندا، ھەقىقىي كۆز-كۆز قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى جىسمانىي جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشتۇر.
ئۆزىدىنمۇ پۇلدار كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش، خۇددى ھەزىلكەشلەرگە ئوخشاش؛ ئۆزىدىن باي بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىدا سۆلەتۋازلىق قىلسا، قارشى تەرەپنى بىئارام قىلىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن، سىزنىڭ بايلىقىڭىزمۇ جاپالىق ئىشلەش بەدىلىگە كەلگەن، ئۇنىڭ بىلەن باشقا ئادەملەرنى چۈشۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى!
ئادەم ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئازدۇر-كۆپتۇر جۇغلانما توپلايدۇ، ئۇ سىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىڭىزدىكى كۆز-كۆز قىلىدىغان كاپىتال ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ كاپالىتى.
ئەگەر ئۆزىنى قوغداش ئېڭى بولمىسا، ئاپەت يېتىپ كەلگەندە، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي، بىر ئۆمۈر تىرىشىپ قىلغان ئەجرىدىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.
2
ئۇتۇق قازىنىشتا مەنپەئەتكە ئىنتىلمەسلىك، كەسىپتە قانائەتلەنمەسلىك
كونىلاردا مۇنداق بىر يول بار: قەدىمدىن تارتىپ كىشىلىك ھاياتتا تولۇق بولۇشقا ئەڭ بولمايدۇ، يېرىم نامرات، يېرىم باي، يېرىم ئامان، يېرىم گاس، يېرىم گاچا، يېرىم خاتىرجەم ياشاش كېرەك! ئەگەر ھەر قانداق ئىشتا ھەمىشە گۈزەللىككە، مۇكەممەللىككە ئىنتىلسەك، ئاخىرىدا «ھەممە نەرسىدىن قۇرۇق قالىدىغان» نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ.
بىر چامباشچىلىق ئۇستىسى تاغدىكى ئورمانلىقتا يالغۇز ياشايدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى يىراقتىن ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن چامباشچىلىقنىڭ ئېپىنى ئۆگەنمەكچى بولىدىكەن. ئۇلار تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كەلگەندە، بۇ ئۇستازنىڭ تاغ جىلغىسىدىن سۇ توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇستاز ئىككى چېلەك سۇنى كۆتۈرەلىشى كېرەك ئىدى، ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئىككى ياغاچ چېلەككە لىق سۇ قاچىلانمىغانىدى.
كەلگەن ئادەم چۈشىنەلمەي سەۋەبىنى سوراپتۇ، ئۇستاز: «سۇ توشۇش سۇنى كۆپ توشۇش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى يېتەرلىك بولسىلا بولدى، ئاچكۆزلۈك قىلساق، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ» دەپتۇ.
ئۇستاز گېپىنى دەپ بولۇپلا، ئۇلاردىن بىر ئادەمنى قايتىدىن تاغ جىلغىسىدىن ئىككى چېلەك سۇ ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ. ئۇ ئادەم سۇنى بەكلا لىق ئالغاچقا، بىر نەچچە قەدەم ماڭمايلا يەرگە يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، سۇ تۆكۈلۈپلا قالماي، تىزىمۇ يارلىنىپتۇ.
ـــ سۇ تۆكۈلۈپ كەتسە، يەنە قايتا ئەكەلسەم بولمىدىمۇ؟-دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ئۇ ئادەمنىڭ تىزى يارىلىنىش سەۋەبىدىن بىر چېلەكتىنمۇ ئازراق سۇنى ئېلىپ كەپتۇ.
ـــ ئۇنداقتا، قانچىلىك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، قانداق مۆلچەرلەيمىز؟ ــ دەپ سوراپتۇ كۆپچىلىك.
ئۇستاز چېلەكتىكى بىر تال يىپنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
-بۇ سىزىق ئەڭ تۆۋەن چەك، بۇ سىزىقتىن يۇقىرى بولسا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ سىزىق بولغاچقا، بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەرقانداق ئىشتا چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلىشىمىز، شۇنداقلا ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك-دەپتۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «مۇكەممەل» كىشىلىك ھاياتىنى نامايان قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەر ماشىنىسىنى، ئۆيىنى، كەسپىنى كۆز كۆز قىلىدۇ؛ ئاياللار بولسا داڭلىق ماركىلىق سومكا، چوڭ ماركىلىق ئەتىرلەرنى ھەمبەھرىلىنىشكە ئامراق.
ئەمما كىشىلىك ھايات بىر يولغا ئوخشايدۇ، داۋانغا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم يانتۇلۇق بولىدۇ، چوققىغا چىقىش ئۈچۈن چوقۇم ھاڭ بولىدۇ، ھەممە نەرسە مۇكەممەللىكنى قوغلاشسا ئادەممۇ چوقۇم مۇكەممەللىك سەۋەبىدىن چارچايدۇ.
جاھاندارچىلىق قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق سىرى يوق، ئەڭ مۇھىمى بەزىدە يېرىم بەزىدە تولۇق بولۇشتۇر.
كىشىلىك ھاياتتا قىزىل سىزىق بار، قىزىل سىزىقتىن ھالقىسا ئاپەت بولىدۇ.
باي بولغاندا، ئىقتىسادچىل بولۇشنى بىلىش كېرەك، بولمىسا، ھەممىنى بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىدۇ؛ بىلىملىك بولغاندا، كەمتەر بولۇشنى بىلىش كېرەك، بولمىسا، خىزمەت كۆرسەتتىم دەپ ئۆز ئۆزىدىن قانائەتلىنىدۇ.
مەيلى ئادەم بولايلى ياكى ئىش قىلايلى، بىز ھەممىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن بىر تۆۋەن چەك بېكىتىشىمىز كېرەك، ئۆزىمىزنى مەجبۇرلىماي، قارىغۇنى ياردا قىستىماسلىقىمىز كېرەك.
3
بەك ھەددىڭىزدىن ئېشىپ كەتمەڭ، ئىشنى قالايمىقان قىلماڭ.
ئادەم بولۇشمۇ ئوخشاش قائىدە، گەپ سۆز ئۈچ ئۈلۈش، ئىش بەش ئۈلۈش بولۇش كېرەك.
ئاغزىدىن چىققان ۋەدە ئاسان بۇزۇلىدۇ، باشقىلارغا بەك تېز ماقۇل بولۇپ كەتسە، ئاسان چارچايدۇ.
خەلق ئارىسىدا «ئالماس بولمىسا، ساپال بۇيۇملارنى ياسىغىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپ بار.
ئۆزى قىلالمايدىغان ئىشقا ئالدىراپ ئېغىز ئاچماسلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋەدە بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى سۆزلىگۈچى مەقسەتسىز، ئاڭلىغۇچى مەقسەتلىك بولىدۇ.
ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئۇچرىشىش دائىرىسى كۆپ، تونۇشۇش دائىرىسى كەڭ بولىدۇ، بۇ كۆپ يىللىق تۇرمۇشنىڭ نەتىجىسى.
ئەگەر پەقەت كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈنلا دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان قىلىنسا، بۇ خىل كۆز-كۆز قىلىش سىزگە نومۇر قوشۇپ بەرمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەيلى سىزنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىڭىز قانچىلىك كەڭ، مۇناسىۋىتىڭىز قانچىلىك چوڭقۇر بولسۇن، باشقىلار بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق.
كۆپ ۋاقىتلاردا گەپ قىلىدىغان ئادەم ئۆزىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمايدۇ، پەقەت باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى خالايدىغان قەلبلا بولىدۇ.
تونۇش ئادەم كۆپ بولسا، ھەممە ئىشنى سەن ئۈستۈڭگە ئالىسەن، ئەڭ ئاخىرىدا قىلىدىغان ئىش قانچە كۆپ بولسا، چىشىغا تېگىپ قويىدىغان ئادەممۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا، كۆپ ھاللاردا مۇۋاپىق بولۇش كىرەك، ھەددىدىن زىيادە مەغلۇپ بولۇش، چەكتىن ئېشىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئادەم بولۇشتا يەنىلا ئەستايىدىلراق بولغان ياخشى، ئاتالمىش «ئادەمگەرچىلىكتە مۇۋاپىق ئارىلىق قالدۇرغاندا كېيىنكى كۈنلەردە ياخشى ئۆتۈش»نىڭ قائىدىسى ئەنە شۇ.
4
ھايات خۇددى بىر ئىستاكان سۇغا ئوخشايدۇ، پۈتۈن بوتۇلكا سۇ چايقالمايدۇ، يېرىم بوتۇلكا سۇ توختىماي شالاقشىيدۇ.
ئوتتۇرا ياشتىن كېيىنكى كىشىلىك ھاياتتا، دېيىشكە تېگىشلىك گەپنى دېيىش كېرەك، سۈكۈت قىلىشقا تېگىشلىك بولسا سۈكۈت قىلىش كېرەك. مەيلى كەسپىڭىز قانچىلىك ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشىڭىز قانچىلىك باياشات بولسۇن، دوستلار چەمبىرىكىدە خالىغانچە كۆز-كۆز قىلماڭ. چۈنكى ھەقىقىي قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئەزەلدىن يۇقىرى ئاۋازدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلمايدۇ، خالىغانچە كۆز-كۆز قىلمايدۇ.
تامدا ئۆسكەن قومۇشنىڭ، بېشى ئېغىر، پۇتى يېنىك، يىلتىزى تېيىز بولىدۇ؛ تاغدا ئۆسكەن بامبۇك نوتىسىنىڭ ئۇچى قېلىن، قورسىقى كاۋاك بولىدۇ.
كۆز-كۆز قىلىشنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ.
ئادەم بولۇش، كەمتەر بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى.
ھەممىمىزنىڭ تىنچ، تەمكىن روھىي ھالەت ساقلاپ، تۆۋەن قاتلامدىكى دوستلار چەمبىرىكىدىن يىراق تۇرۇپ، لايىقىدا گەپ قىلىپ، ئىش قىلغاندا ئىمكانىيەت قالدۇرۇپ، بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق كەڭ قورساقلىق بىلەن ياشىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.