كۆپلىگەن تاراتقۇلار : بايدېن يېڭىۋالدى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى

ئەلكۈيى تورى
2020-11-08
來源:تېڭشۈن تورى




سىن كۆرۈنۈشى: ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى چىقتى! ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بايدېننىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ۋاقتى تەخمىنەن 51 سېكۇنت

كۆپلىگەن ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە: بايدېنغەلىبە قىلىپ سايلانغان! يېقىندا، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) ۋە ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى (NBC) ۋە ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) قاتارلىق كۆپلىگەن چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدېننىڭ سايلانغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 7-چېسلادىكى مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى بايدىن 270 تىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن.

CNN نىڭ ئېيتىشىچە، بايدېن ئامېرىكىنىڭ 46-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولىدىكەن CNN نىڭ مۆلچەرلىشىچە، بايدېن پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنى يېڭىۋالغاندىن كېيىن، سايلامدا ئۇتۇپ چىقىشقا كېرەكلىك 270 بېلەتكە ئېرىشىدىكەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى 20 سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ بېلىتىنى قوشقاندا، بايدېن ئېرىشكەن سايلىغۇچىلار ئۆمىكىنىڭ بېلىتى 273 پارچىگە يېتىدىكەن.