ما يۈننىڭ ياشلارغا قىلغان ئون جۈملە نەسىھىتى، بالدۇرراق كۆرمىگەنگە مىڭ پۇشايمان

ئەلكۈيى تورى
2020-11-07
來源:تور دۇنياسى

ھاياتتا گاڭگىراپ قالغاندا، ئۆزىڭىزنى شۇنداقلا تاشلىۋېتەمسىز ياكى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەمسىز؟ ما يۈن ياشلارغا ئېيتقان بۇ سۆزلەرنىڭ سىزگە چوقۇم پايدىسى تېگىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

1. ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە، ئەگەر بىر ياش ئادەمنىڭ كاللىسىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ھېچقانداق ئوي-خىيال پەيدا بولمىسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرى ئاساسەن مۇشۇنداق ئۆتىدۇ، چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

2. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تايىنىدىغىنى جاسارەت ۋە كەسكىنلىك. مەن بىر قېتىم پويىزدا كىشىلەرنىڭ ۋېنجوۋلۇقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئاڭلىغان. ئۇ ھېكايىلەرنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسىنى «قاپ يۈرەكلىك» دېگەن سۆزگە يىغىنچاقلىدىم. ئەمەلىيەتتە، جاسارەت دېگەن ئاشۇ شۇ.

3. بۇ دۇنيادا ناھايتى ئاز ساندىكى شۇنداق بىر قىسىم كىشىلەر بار. گېزىتكە قارىساق شۇلارنىڭ خەۋىرى. تېلېۋىزورنى ئاچساق يەنە شۇلارنىڭ خەۋىرى. كوچا-كويلاردا سۆز-چۆچەك قىلىنىۋاتقىنىمۇ شۇلارنىڭ خەۋىرى. خۇددى بۇ دۇنيا ئۇلار ئۈچۈنلا ھازىرلانغاندەك. ئۇلار قولىنى قەيەرگە سوزسا شۇ يەرگە يېتىدۇ، ئۇلار ھەممىگە قادىر كىشىلەر. سىز شۇلاردەك ئادەم بولۇشنى ئۆزىڭىزگە نىشان قىلىشىڭىز كېرەك.

4. ئەگەر سىز ئاتا-ئانىڭىز ۋە جۈپتىڭىزنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز، ئۇنداقتا پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىپ، جاپالىق كۈرەش قىلىڭ. شۇندىلا ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى بەختلىك قىلالايدىغان ئىقتىدارىڭىز، ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز ۋە بوش ۋاقتىڭىز بولىدۇ.

5. ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزدىن بىر گەپنى سورىسىڭىز، ئەگەر ئون ئادەمنىڭ توققۇزى جاۋاب بېرەلمىسە، ئۇنداقتا بۇ بىر پۇرسەت. ئەگەر ئون ئادەمنىڭ توققۇزى بىلىپ كەتسە، بۇ بىر كەسىپ.

6. بۇ دۇنيادا، ھەقىقىي ئىختىساسلىقلار ئادەتتىكى تۈرلەرنى خېلى يامان ئەمەس تۈرگە ياكى تېخىمۇ ياخشى تۈرگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئەمما چالا ئىختىساسلىقلار ئەڭ ياخشى تۈرلەرنى ئەڭ ناچار تۈرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

7. ياش ۋاقتىڭىزدا سىرتلارنى كۆپ ئايلىنىڭ. كۆپ ئوقۇغان كۆپ جاھان كۆرگەنگە يەتمەيدۇ، كۆپ جاھان كۆرگەن كۆپ قازاندا قاينىغانغا يەتمەيدۇ.

8. خالىغانچە سەت گەپ قىلماڭ، بولمىسا باشقىلارغا ساپاسىز دېگەن تەسىرنى بېرىپ قويىسىز. ئۇ چاغدا كىشىلەر سىزنى كۆرسە قاچىدىغان بولىۋالىدۇ. سىز بىلەن باردى-كەلدى قىلىشقان تەقدىردىمۇ، سىزگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلمايدۇ، پەقەت سىز بىلەن ئەپلەپ-سەپلەپ ئارىلىشىدۇ. چۈنكى ساپايىڭىزنىڭ ناچارلىقىنى ئۇلار بىلىپ بولغان. خەقنىڭ نەزىرىدىن بىر قېتىم چۈشۈپ كەتسىڭىز، ئۇلارغا قايتا چىرايلىق كۆرۈنۈپ بولالمايسىز.

9. تاماكا چېكىشتىن بۇرۇن، ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن چەكسەم بولامدۇ دېگەننى سورىۋېلىڭ. باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىڭ. قىزلارنىڭ ئالدىدا تاماكىنى ئاز چېكىڭ، ئۆزىڭىزگە ئاخسا تۇيۇلغىنى بىلەن، قىزلارنىڭ ئىچىدە سىزدىن قانچىلىك بىزار بولىۋاتقىنىنى سىز بىلمەيسىز.

10. ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن تەجرىبە-ساۋاقلارنى قوبۇل قىلمىسڭىز بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ تەجرىبىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان. مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، نېمىلا دېسىڭىز بولىۋېرىدۇ. مەغلۇبىيەتچىنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى يوق. ئەمما، سىز مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ مىسالى ئارقىلىق تەكرار ئويلىنىپ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلىيەلەيسىز. ئۆزىمىزدىن ئىبرەت ئېلىش بىلەن تەڭ، باشقىلاردىنمۇ ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك.

خاتىمە

ئەگەر، سىزگە پەقەت بىرلا نەسىھەت بېرەلەيدىغان بولسام، ئۇنداقتا دەيدىغىنىم شۇكى، جاھاندا بىكارلىق نەرسە يوق، ھەممە ئىشنىڭ بەدىلى بار. شۇڭا ئۆزىڭىزگە تايىنىڭ، مەڭگۈ ئاسان يول ئىزدىمەڭ.