بايدېن زادى قانداق كەچۈرمىشلىرى بار ئادەم؟

ئەلكۈيى تورى
2020-11-07
來源:بەيدۇ

ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئىشتاتى بىلەن مىچىگان ئىشتاتىدىن ئىبارەت ئىككى تەۋرەنمە ئىشتاتنىڭ سايلام بېلىتى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، جوي بايدېن غەلىبە قىلدى. لېكىن دونالد تىرامپنىڭ كوللىكتىپى توختاپ قالمىدى، ئۇلار تېز سۈرئەتتە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇپ، سايلام بېلىتىنى قايتا ھېسابلاشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە پېنسىلۋانىيە قاتارلىق نۇرغۇن ئىشتاتلاردا ئەرز قىلدى. ئۇلار يەنە پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان سايلام بېلىتىنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىدىن گۇمانلاندى، لېكىن بۇ تەدبىرلەرنىڭ تەسىرىدە جوي بايدېننىڭ 2020-يىلىدىكى ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىپ ئاقسارايغا كىرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت ئۆزگەرگىنى يوق.


ئۇنداقتا 78 ياشقا يېقىنلاپ قالغان بوۋاي جوي بايدېن زادى قانداق ھايات كەچۈرمىشلىرى بار ئادەم؟ ئەگەر ئىككى جۈملە سۆز بىلەن ئۇنىڭ ھاياتىنى يىغىنچاقلاشقا توغرا كەلسە تىراگېدىيەلىك ئائىلە تۇرمۇشى، داۋالغۇپ تۇرغان كەسپىي ھايات، دېگەن ئىككى جۈملە ئەڭ ماس كېلىدۇ. جوي بايدېننىڭ ھاياتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ باھالىشىچە، دەل مۇشۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمىغان تەقدىر بايدېننى چوڭقۇر تىراگېدىيەنى يېڭىش، جاراھەتنى داۋالاپ ساقايتىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان، «ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرمىگەنلەر ئۇنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزغان».


بايدېن 1942-يىلى پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنىڭ «تۆمۈر دېتى بەلبېغى» دەپ ئاتالغان سكلانتون بازىرىدا تۇغۇلغان، دادىسى جوزېف نىمكەش ئاپتوموبىل ساتقۇچى بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى بەزىدە ياخشى، بەزىدە ناچار ئىدى. بايدېن تۆت بالىنىڭ چوڭى بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالغانلىقتىن ئۇ مومىسىنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان.



دادىسىنىڭ «يىقىلغاندا ئورنىدىن تۇرۇشى كېرەك» دېگەن بىر جۈملە سۆزى بايدېننىڭ يۈرىكىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا مۇشۇ سۆزنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.
بايدېن كىچىكىدىنلا تەنتەربىيەدە ياخشى ئىدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدا دائىم پۇتبول ۋە كالتەك توپ مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشاتتى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ ھەر ھالدا قارشى ئېلىنىدىغان تىپلاردىن ئىدى. 3-، 4- يىللىقلاردا سىنىپ باشلىقى بولغان بايدىن 7-يىللىققا چىققاندا گەپ قىلغاندا كېكەچلەيدىغان بولۇپ قالغان، شۇڭا مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان.


بايدېن تولۇق كۇرس سىنىپى دېلاۋار داشۆسىدە تاماملىغان بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ۋە سىياسەتشۇناسلىق بويىچە قوش ئۇنۋانغا ئېرىشكەن، ئەمما نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغان. ئومۇمىي باھالاشتا C بولۇپ، 688 ئوقۇغۇچى ئىچىدە 506-ئورۇندا تۇرغان.



1965-يىلى 23 ياشلىق بايدېن ئەتىيازلىق دەم ئىلىش مەزگىلىدە تۇنجى ئايالى نىلىيە خېنت بىلەن ئۇچراشقان. ئىككى يىلدىن كېيىن بايدېن بىلەن نىلىيە توي قىلىپ جوزېف بوب، روبېرت خېنت ۋە نائومى ئىسىملىك ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان.


1969-يىلى بايدېن دېلاۋار داشۆسىنىڭ قانۇن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى بىر ئادۋوكاتلىق ئورنىغا كىرىپ ئىشلىگەن ھەمدە ناھىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، سىياسىي ھاياتىنى باشلىغان.
1972-يىلى بايدېن ئەمدىلا 29 ياشتا بولۇپ، تاساددىپىي پۇرسەتتە دېلاۋار ئىشتاتىدىكى كېڭەش پالاتا ئەزاسىلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئەمما ئائىلە تىراگېدىيەسى شۇنىڭ بىلەن باشلانغان.


بىر ئايدىن كېيىن، بايدېننىڭ ئايالى نىلىيە ئاپتوموبىل توختاتقاندا خاتا مەشغۇلات قىلىپ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئۆزى ۋە قىزى نائومى قازا قىلغان، قالغان ئىككى بالىسى يارىلانغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىن بايدېن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى ئوغلى ئۈچۈن ھاياتىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى قارار قىلغان.


ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنى 1975-يىلىبايدېن بىر قېتىملىق قىز-يىگىت كۆرۈشۈش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئىككىنچى ئايالى جىر ياكوبۇس بىلەن ئۇچرىشىپ مۇھەببەتلەشكەن ۋە ئىككى يىلدىن كېيىن توي قىلغان. 1981-يىلى قىزى ئاشلېي تۇغۇلغان.


1987-يىلى بايدېن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان، لېكىن ئۇ ئەنگلىيە لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى نېل گىنوكنىڭ نۇتقىنى كۆچۈرگەن دەپ ئەيىبلەنگەن. كېيىن يەنە ئۇنىڭ باشقا نۇتۇقلىرىنىڭمۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ نۇتۇقلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقى بايقالغان، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭ قانۇن شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان چاغدا ئېلان قىلغان ماقالىسىمۇ كۆچۈرۈلمە دەپ گۇمان قىلىنغان، ئۇ ئۆزىنىڭ سىنىپنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى 9- ئايدا بايدېن سايلامدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.
2008-يىلى بايدېن يەنە بىر قېتىم سايلامغا قاتناشقان، لېكىن نەتىجىسى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، %1 كە يەتمەيدىغان سايلام بېلىتى بىلەن سايلامدىن چېكىنىپ چىققان.


بايدېننىڭ چوڭ ئوغلى بوب 2007-يىلى دېلاۋار ئىشتاتىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان، ئەمما بەختسىزلىك يەنە بىر قېتىم بايدېن ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلغان، 2015-يىلى ئەمدىلا 46 ياشقا كىرگەن بوب مېڭە ئۆسمىسى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن.
بايدېننىڭ ئىككىنچى ئوغلى خېنت بايدېن ئۇكرائىنا تەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، دادىسىغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى تېپىپ بەرگەن، يەنە تېخى ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسى بوبنىڭ ئايالى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلەنگەن.


ھازىر بايدېننىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇنىڭ تۇنجى ئايالى ۋە قىزى، چوڭ ئوغلى بوب بۇ دۇنيادىن خوشلاشتى.
2020-يىلى 1-ئايدا بايدون سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئۆزىدىن: قىلىۋاتقان ئىشلىرىم ئوغلۇم بوبنى مەندىن پەخىرلەندۈرەمدۇ؟ دەپ سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بەلكىم، بۇ قېتىم بايدىن غەلىبە قىلسا، بوب دادىسىدىن پەخىرلىنىشى مۇمكىن.