يېڭى توي قىلغان ئەر-ئايال باۋما ماشىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-04-07
来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

قىرىپ خۇشاللىققا ئىرىشىش ئويۇنى يېڭى توي قىلغان ئەر-ئايالغا باۋما ماشىنا ئاتا قىلدى.

لاتارىيەچى خۇشال ھالدا:«نېمىنى ئويلىساڭ شۇ كىلىدۇ!»-دېدى.

«كالا يىلىدا ئىشلار ئوڭغا تارتىدۇ»، بۇ سۆز ئازراقمۇ يالغان ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۆز ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى تەلەيلىك لاتارىيەچى شياۋ ۋۇنىڭ بېشىدىن ئۆتتى. قېنى قاراپ باقايلى، 2 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، قىممىتى 20 يۈەنلىك «ئالتۇن دەۋىر» ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتى غۇلجا شەھىرىدە تونۇردىن چىقتى. تەلەيلىك لاتارىيەچىلەرنىڭ ھەممىسى ھەۋەس قىلىدىغان خۇاچېن باۋما X325i تىپلىق ئاپتوموبىل (تۆت چاق سۆرەيدۇ ) مۇكاپات قىلىندى. بۇ مۇكاپات ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپلا قالماي، يەنە يېڭى بىر نۆۋەتلىك لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى باشلىدى.

يېقىندا، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شياۋ ۋۇ ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى ئېلىپ كەتتى. ئىگىلىنىشىچە، شياۋ ۋۇ بۇ يىل ئوتتۇرا ياشلىق يىگىت بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت جەھەتتىكى ئەرلەر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەن، ئۇنىڭ خىزمەتتىن باشقا ھېچقانداق ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشى يوق بولۇپ، بىردىنبىر ياخشى كۆرىدىغىنى ئالدىراش خىزمەتتىن باشقا نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئارام ئېلىش ئىكەن. شياۋ ۋۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە لاتارىيە ئويناشنى ياخشى كۆرسىمۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش بىلەنلا چەكلىنىدىكەن. لېكىن، ھەر قېتىم لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيىتى بولغاندا، ئۇ كۆپرەك سېتىۋالىدىكەن، شياۋ ۋۇ:«لاتارىيەچىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇش پائالىيتى مەزگىلىدە، كۆپچىلىكنىڭ ئويلايدىغىنى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مەن بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپات پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن، گەرچە ئەزەلدىن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشتىم.»-دېدى.

2 - ئاينىڭ 24-كۈنى، شياۋ ۋۇ ئاخىرى بىر كۈن نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتى، ئۇ يېڭى ئۆيىنى بىر قېتىم چوڭ تازىلىق قىلماقچى بولدى، چۈشكە ئاز قالغاندا شياۋ ۋۇ ئاخىر تازىلىق خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى ھەم سىرتقا چىقىپ بىر ۋاخ لەغمەن يېدى، لېكىن تاماقتىن كېيىن شياۋ ۋۇ تېخىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلدى، پۈتۈن بەدىنىنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ روھى ھالىتىنى ئەسلىگە قايتۇرماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن شياۋ ۋۇ تېز قەدەم بىلەن ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان غۇلجا شەھىرى 65410299 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى.

پونكىتقا كىرگەندىن كېيىن، شياۋ ۋۇ «قىرىپ خۇشاللىقا ئىرشىش» ئۇيۇنىنى ئوينىدى، ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتى بار بولغان 20 يۈەنلىك «ئالتۇن دەۋر» نى تاللاپ، كەينىدە ئولتۇرۇپ بىر ياققا بېرىپ قىرىشقا باشلىدى، قىرىپلا 100 يۈەن مۇكاپات چىقتى، خۇشال بولغان شياۋ ۋۇ بىلەن ھارغىنلىق بىلەن خوشلاشتى شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە 100 يۈەن مۇكاپات پۇلى بىلەن قىممىتى 20 يۈەنلىك بەش دانە «ئالتۇن دەۋر» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچىسىنى ئاچقىنىدا ئاپتوموبىل بەلگىسى چىقتى، ئۇ سەل گاڭگىراپ قالدى ۋە لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ ساتقۇچىغا پەس ئاۋازدا دېدى:«ماڭا چوڭ مۇكاپات چىققاندەك قىلىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا، ماڭا ياردەم قىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ!» ــ دېدى شياۋ ۋۇ ھاياجان ئىلكىدە. مال ساتقۇچى سېلىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مۇكاپات چىققانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. تۇيۇقسىز كەلگەن خۇشاللىق شياۋ ۋۇنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى، ئۇ تۇنجى بولۇپ يېڭى توي قىلغان ئايالى بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

شياۋ ۋۇشى مۇنداق دېدى:«يېڭى ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغان ئىدۇق، بۇ مەزگىلدە ئايالىم بىلەن ئاپتوموبىل 4S دۇكىنىغا پات-پات كىرىپ چىقتۇق، ھازىر بۇ ماشىنا ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولدى، ھەقىقەتەن نېمىنى ئويلىسا شۇ كېلىدىكەن!»-دېدى، ئايالى خۇشال بولۇپ:«مۇكاپات چىققان BMW ئاپتوموبىلى خامچوتىمىزدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتتى، ھەقىقەتەن چۈش كۆرگەندەك بولدۇق، پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە كۆپ رەھمەت!»-دېدى.