ئورگان خەۋىرى: كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلدى

ئەلكۈيى
2021-08-28
来源:新京报

QQ20201127-0.gifWechatIMG79.jpeg

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:   بېيجىڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ئورگان تەرەپ باش بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئاللىقاچان يۇۋېنتۇس بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۆتكىلىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

مانچىستىر بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا: «ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار. رونالدو كونا ئائىلەڭگە قايتقىنىڭنى قارشى ئالىمىز» دېدى.



ئورگان تورى: كرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتتى.

كرىستىيانو رونالدونىڭ يۆتكىلىش خەۋەرلىرى بىر مەھەل پۇتبول دۇنياسىنى قاپلىدى، بۈگۈن مانچېستېر بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا كرىستىيانو رونالدونى كوماندىغا قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار مۇددىتى 2023-يىلى 6-ئايغىچە توختام ئىمزالىدى.

مانچىستىر بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا: «ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار. رونالدو كونا ئائىلەڭگە قايتقىنىڭنى قارشى ئالىمىز» دېدى.

كرىستىيانو رونالدو 2003-يىلى يازلىق يۆتكىلىش بازىدا پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان، 2009-يىلى يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدە 96 مىليون ياۋرولۇق يۆتكىلىش سوممىسى بىلەن رېكورت يارىتىپ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىپ خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان، ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن جەمئىي ئالتە پەسىل كۈچ قوشقان.

كرىستىيانو رونالدو بۇ ئالتە مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن جەمئىي 292 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 181 توپ كىرگۈزۈپ، 69 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە 196 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 84 توپ كىرگۈزۈپ، 45 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان.

كرىستىيانو رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى:

بىر قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتى (2008-يىلى)

بىر قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى (2007/2008 مۇسابىقە پەسلى)

بىر قېتىم ياۋروپا ئالتۇن بوتىس مۇكاپاتى (2007/2008 مۇسابىقە پەسلى)

ئۈچ قېتىم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى (2006/2007 مۇسابىقە پەسلى، 2007/2008 مۇسابىقە پەسلى، 2008/2009 مۇسابىقە پەسلى)

بىر قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى (2007/2008 مۇسابىقە پەسلى)

بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چېمپىيونلۇقى (2007/2008 مۇسابىقە پەسلى)

ئىككى قېتىم رايون قالقان لوڭقىسى چېمپىيونىلۇقىغا ئېرىشكەن (2006/2007 مۇسابىقە پەسلى، 2007/2008 مۇسابىقە پەسلى)