چاغانلىق سەمىمى ئەسكەرتىش

ئەلكۈيى
2021-01-20
来源:uycnr


640-24.gif

640-59.png




ئەسلى تېمىسى: شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇشقا دائىر سەمىمىي ئەسكەرتىشى

2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۈگۈنكى كۈندە ئايروپىلاندا سەپەر قىلىش ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سەپەرگە چىقىشىڭىزغا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئۈرۈمچى شۆبە شىركىتى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش باش پونكىتى تۆۋەندىكىدەك سەمىمىي ئەسكەرتىش چىقاردى:

1.چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە يولۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، يولۇچىلار ئايرودۇرۇمغا بالدۇرراق كېلىپ، يۈك-تاقلىرىنى توشۇشقا ھاۋالە قىلىش ۋە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشكە يېتەرلىك ۋاقىت قالدۇرۇشى كېرەك؛ ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسا، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلاشسا بولىدۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پىدائىيلىرى يېشىل يول بىلەن تېزدىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈشكە يېتەكلەيدۇ؛

2.چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە بوۋاقلار، بالىلار ۋە يولۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم بالىلىرىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشتا كېرەكلىك كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىلىرىنى، مەسىلەن، تۇغۇلۇش ئىسپاتىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى، نوپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ياكى كىملىكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تەييارلاپ قويۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئويۇنچۇق تاپانچىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ، ھەر خىل شەكىلدىكى پوجاڭزا-ساليۇت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە توشۇشقا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ.

3.يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئالدىن ئىگىلەش، ماسكا تاقاپ، شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىسپىرت تەركىبلىك قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرت بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىش پۈركۈمىسى ھەمدە دېزىنفېكسىيە ھۆل قەغىزى قاتارلىقلاردىكى ئىسپىرت تەركىبى %70تىن يۇقىرى بولسا يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە ھەمدە توشۇشقا ھاۋالە قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئىسپىرت مىقدارى %70تىن تۆۋەن بولسا يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ، لېكىن توشۇشقا ھاۋالە قىلىشقا بولىدۇ. توشۇشقا ھاۋالە قىلغاندا ھىم ئورالما ئىچىگە سېلىش، ھەربىر بوتۇلكىسى 500 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.

سەپەرگە چىقىدىغان بارلىق يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى قىلىشى، سەپەر جەريانىدا ماسكا تاقىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز. ئەگەر ئايروپىلانغا چىقىشقا ئالاقىدار باشقا مەسىلىلەرگە يولۇقسىڭىز ئايرودۇرۇم مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 96556 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراڭ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟