ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئەسكەرتىشى

爱酷艺网
2021-05-21
来源:乌鲁木齐晚报

640-59.png640-24.gif

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئەسكەرتىشى


ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: يېقىندا ئەنخۇي، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلار يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمى بىلەن ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان يەرلىك كېسەللەر ۋە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلارنى ئارقا-ئارقىدىن دوكلات قىلدى، قىسمەن كىشىلەردە ئۆلكە ئاتلاپ ھەرىكەت قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت، ئەگەر ئۇچرىشىش جەريانىدا شەخسىي مۇداپىئە جايىدا بولمىسا، يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت بولىدۇ.

كەڭ شەھەر ئاھالىسى دوستلار دوكلات قىلىنغان ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەل ۋە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ نۇقتىلىق مۇساپىسى (تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىڭ، 2021-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 0 گىچە) گە يېقىندىن دىققەت قىلىڭلار، ئەگەر يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر رايونى ياكى كېسەل ئالامىتى ئېنىق بولغان ۋە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ مۇساپە ئىزى ئېنىق بولسا، تەۋەلىك رايوندىكى مەھەللە (كەنت) لەرگە ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا پائال ماسلىشىڭلار.

مەملىكەت بويىچە ھازىر بار بولغان ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ-خەتەر رايونى 22 (ھەممىسى ئوتتۇرا خەۋپ-خەتەر رايونى) بولۇپ، ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدە 4 (تىنچلىق رايونى شۈنتيەن ئولتۇراق رايونى 78-، 80-، 82-بىنا تۇرۇشلۇق ھويلا، ئەدەبىيات-سەنئەت يولى يىيۈەن ئولتۇراق رايونى؛ يۈخۇڭ رايونى بىگۈييۈەن يىنخې شەھىرى ئاۋات مەھەللە، قۇياش نۇرى 100-قارار) لياۋنىڭ ئۆلكىسى يىڭكۇ شەھىرىدە 11 (بايۈچۈەن رايونى بېيگۇەن مەھەللىسى، خېپىڭ مەھەللىسى، پونكىت ئالدى مەھەللىسى، بەخت يولى مەھەللىسى، شېڭلى كەنتى، لىمىڭ كەنتى، يىچېڭ بازىرى يىچېڭ مەھەللىسى، شىيۇڭ بازىرى لياۋخەي مەھەللىسى

ئەنخۈي ئۆلكىسى خېفېي شەھىرىدە 1 (فېيشى ناھىيەسى شاڭپەي بازىرى سۈنئىي ھەمراھ مەھەللىسى جىنيۈن خەلقئارا سودا ئولتۇراق بىناسى) ، ئەنخۇي ئۆلكىسى ليۇئەن شەھىرىدە 6(يۈئەن رايونى بەيچۈەن مىڭتىڭ ئولتۇراق رايونى، خېڭدا يۈجىڭۋەن ئولتۇراق رايونى 3-قارار، گۇجېن بازىرى بايلىق چوڭ كوچىسى داگېنتۇ ئولتۇراق رايونى؛ جىنئەن رايونى چىڭشۈي دەرياسى بويى ئولتۇراق رايونى 1-قارار، ۋۇتۇڭ جيايۈەن ئولتۇراق رايونى، جېدوڭ سودا شەھەرچىسى.

ئەنخۇي، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللەر ۋە كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ نۇقتىلىق مۇساپىسى تۆۋەندىكىچە:

WX20210521-140943.png

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى يېڭى تاجىسىمان يۇقۇمنىڭ كىرىشىدىن قاتتىق ساقلىنىپ، شەھىرىمىزدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، « سىرتتىن كىرىش، ئىچكى قىسىمدا كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تىن ئىبارەت دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلەپلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ئەسكەرتتى.

1.     سەپەرگە چىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش

كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى يېقىندا يۇقۇم ئەھۋالى تارقالغان ۋە ئوتتۇرا ھال، خەتىرى يۇقىرى رايونلارغا بارماسلىقى، بولۇپمۇ زۆرۈر بولمىغان ئۆلكە ئاتلاپ ساياھەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەگەر ھەقىقەتەن بېرىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتىدىغانلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە (كەنت) ، ئورۇنلارغا ۋاقتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە (كەنت) لەرنىڭ ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

ئىككىنچى، يۈكسەك مۇداپىئە كۆرۈش، تىزگىنلەش ئېڭىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك.

« ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىغا بىرىنچى مەسئۇل كىشى» دەيدىغان ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش، دائىم شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇش، بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاشتەك تازىلىق ئادىتىنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈش؛ توپلىشىپ تۇرماسلىق، توپلاشماسلىق، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش؛ ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، كودنى تەكشۈرۈش قاتارلىق دائىملىق يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال ماسلىشىش كېرەك.

3.شەخسىي ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش

ساغلاملىقنى كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، پۇراش (تەم) سېزىمى ئاجىزلاش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال تۇرۇشلۇق مەھەللە (كەنت) كە مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنى ياخشى ئاسراپ، ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن نۇقتىلىق قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرغا ئولتۇراقلىشىش تارىخى ۋە ئۇچرىشىش تارىخىنى ئۇقتۇرۇپ، دىياگنوز قويۇپ داۋالاشقا قولايلىق يارىتىش كېرەك.

4.يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى ئەملەش ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، شۇنداقلا كوللېكتىپ ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. شەھىرىمىز 18 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر توپىغا ھەقسىز يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى باشلىدى، ۋاكسىنا ئەملەش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاراشلىق رايون، ئورۇنلارغا ماسلىشىپ تەكتىنى ئېنىقلاش، تىزىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پائال ۋاكسىنا ئەملەپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئومۇمىي خەلق يېڭى تاج ۋىرۇسى ئىممۇنىتېت توسۇقى بەرپا قىلىشى كېرەك.

5.ئاقىلانىلىك بىلەن يۇقۇم ئەھۋالىغا يۈزلىنىش

ئىغۋا توقۇماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاقىلانە تاقابىل تۇرۇشتەك ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

素材1.jpg