دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاستىچى مېندېسمۇ ھېچنىمە قىلالمىدى، رونالدو بۇ قېتىم ھەقىقەتەن ئاشۇرىۋەتتى

ئەقىدە
2022-07-27
来源:جىبوبا

رونالدونىڭ بۇ يىل يازلىق يۆتكلىش كۆزنىكىدە كوماندىدىن ئايرىلىش ئىشىغا قارىتا، ئەنگلىيە تاراتقۇسى «تېلگىراف گېزىتى» ماقالە يېزىپ بۇ ھەقتە توختالغان بولۇپ، ماقالىدە ئوچۇق قىلىپ، رونالدونىڭ بۇ قېتىم «ئوتنى» ھەددىدىن زىيادە ئويناپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ تاراتقۇ مۇنداق دەپ يازدى: رونالدونىڭ شانلىق كەسپىي ھاياتىدا، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم يۆتكىلىش ئۈستىدە ئىزدەنگەندە «ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرىۋەتكەنلىكى» بولۇشى مۇمكىن. لىسبوندىن كونا تراففورد مەيدانىغىچە، بۇنىڭدىن خانلىق مادرىدقىچە، يۇۋېنتۇسقىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىشقىچە رونالدو كەسپىي ھاياتىنىڭ يولىنى توختىماي پىلانلاپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى ۋاستىچى» مېندېسنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى.

لېكىن، 2022-يىلى يازدىكى ئەھۋال بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. رونالدونىڭ يوشۇرۇن قوشۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بار كوماندىلار تۇيدۇرمايلا ئارقا-ئارقىدىن «غايىب» بولدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن تېنخاگنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسى رونالدونىڭ «ئوسال ئەھۋالى»نى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. سەيشەنبە كۈنى رونالدو مېندېس بىلەن كارلىڭتون بازىسىغا كېلىپ مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن سۆھبەتلەشكەن، بىراق سۆھبەت ئوڭۇشلۇق بولمىغاندەك قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ كوماندىدىن ئايرىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار پەيدا بولغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ پېيىدە بولىۋاتقان كومانلار ئۆزىنى كۆرسەتمىدى. چېلسى بىلەن بايرېن مىيۇنخېن، بۇ ئىككى زەردار كۇلۇب رونالدونىڭ شان-شەرەپ قوغلىشىش ئارزۇسىنى قاندۇرالايدۇ، لېكىن بۇ ئىككى كوماندا ئانچە ئىككىلەنمەيلا رونالدوغا بولغان قىزىقىشىنى ئىنكار قىلدى.

دەسلەپكى خەۋەرلەردە ناپولىنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنغان، لېكىن مالىيە مەسىلىسى سەۋەبىدىن بۇنداق ئېھتىماللىق ناھايىتى تېزلا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. ئارقىدىنلا يەنە ئوتتۇرا شەرق كوماندىلىرىنىڭ رونالدوغا ئېرىشكۈسى بارلىقى خەۋەر قىلىندى، بىراق رونالدو ياۋرودىن ئايرىلىشنى خالىمىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مادرىد ئاتلېتكا كىرىستىيانو رونالدو بىلەن باغلىنىپ قالدى، لېكىن مادرىد ئاتلېتكىنىڭ قىزىقىشى تېز سۈرئەتتە سوۋۇپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ. كەسپىي ھاياتىدىكى ھەر بىر قەدەمنى ئىستراتېگىيە دەپ قارايدىغان توپچىغا نىسبەتەن، رونالدو ھازىر نامەلۇم ساھەگە قەدەم قويدى، بەلكىم ئۇنىڭ ھازىر بارىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق بولۇشى مۇمكىن.

فېرگۇسوننىڭ «شاھزادە كېلىشىمى» 2008/2009 مۇسابىقە پەسلىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھاسىل قىلىنغان، ئۇ كىرىستىيانو رونالدونى مانچېستېر بىرلەشمىسىدە بىر يىل ئارتۇق تۇرغۇزغان بولۇپ، بۇ قارار ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، كرىستىيانو رونالدونىڭ 18 توپ كىرگۈزۈشى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغان، شۇنداقلا ئۇ يەنە «قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى»نىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشىگە ياردەم قىلغان، لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدو ئىزچىل ئۆزىنىڭ خوجايىنى بولۇپ كەلگەن ھەمدە تۈرلۈك كوماندىلار بىلەن توختام ئىمزالىغان، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ شارائىتى بويىچە بۇ كوماندىلاردىن ئايرىلغان. ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، كىرىستىيانو رونالدو 37 ياشقا كىردى، دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك بەدەن ئىقتىدارىغا ئىگە كرىستىيانو رونالدونىڭمۇ بەدەن ھالىتى مۇقەررەر ھالدا ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

نوقۇل ئىقتىسادىي نۇقتىدىن قارىغاندا، 2020-يىلىدىن كېيىنكى پۇتبول دۇنياسى بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىماي قالدى. دەرىجىدىن تاشقىرى كوماندىلار بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىستېمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن نۇرغۇن كوماندىلار تېخىمۇ ئېھتىياتچان تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى-بارسېلونادەك زەردار كۇلۇبلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە بار.

رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى ھەپتىلىك مائاشى 500 مىڭ فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ، ئۇ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشنى خالىسىمۇ، ئۇنى قوغلىشىشنى خالايدىغان كوماندىلار كۆپ ئەمەس. 2022/2023 مۇسابىقە پەسلى دۇنيا لوڭقىسى سەۋەبلىك مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىنىدۇ، بۇ كىرىستىيانو رونالدونىڭ كەلگۈسى قارارىنى تېخىمۇ جىددىي ھالەتكە كىرگۈزدى.

يەنە بىر قىيىن مەسىلە بار، رونالدو يېڭى كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە ئۇسلۇبىغا ماسلىشالامدۇ؟ گەرچە ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن قالتىس بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ يۇقىرى سىجىلىقتا توپ تالىشىشىنى تونۇپ يەتكەن-راڭنىكمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان. لېكىن، ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، زەردار كوماندىلارنىڭ توپ تالىشىشقا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى.

رونالدو كوماندىدىن ئايرىلماقچى بولغان تۇنجى كۈندىن باشلاپ، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، كۇلۇب رونالدونى سېتىشنى رەت قىلغان ھەمدە رونالدونىڭ توختامنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشتا چىڭ تۇرغان. كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇچرىشىشىدا فېرگۇسونمۇ پەيدا بولغان بولۇپ، لېكىن بۇ پەقەتلا كىرىستىيانو رونالدوغا تەۋە بولغان ئاشۇ تېخىمۇ ساپ دەۋرنى ئەسلىتىدۇ-ئەينى دەۋرنى ئەسلىتىدۇ، پەقەت ئۇلا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ.