گۇاڭدوڭ 104:120 چىڭداۋ

ئەلكۈيى
2021-03-13
来源:جىبوبا

640-24.gif640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە ئوينالغان بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە چىڭداۋ كوماندىسى گۇاڭدوڭ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.


ۋېمىس، ۋاڭ چىڭمىڭ ۋە ليۇ جۈەنشىڭ قاتارلىق توپچىلار بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى. مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن چىڭداۋ كوماندىسى تېز سۈرئەتتە مۇسابىقە ھالىتىگە كىردى، گۇاڭدوڭ كوماندىسىمۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى، تۇنجى چارەك مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا ئىككى تەرەپنىڭ نومۇر پەرقى 12 نومۇرغا يەتتى. ئۈچىنچى چارەك مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن گۇاڭدوڭ كوماندىسىنىڭ توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، چىڭداۋ كوماندىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇدا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى ھەمدە ئاخىرقى باسقۇچتا بىر قېتىملىق تەتۈر ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىراق شۇنىڭدىن كېيىن چىڭداۋ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى يەنە تۆۋەنلەپ كەتتى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى نومۇر پەرقىنى يەنە بىر قېتىم 10 نومۇردىن ئاشۇرۇۋەتتى. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن گۇاڭدوڭ كوماندىسى 104:120 نەتىجە بىلەن چىڭداۋ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، چىڭداۋ كوماندىسى ئۇدا ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە گۇاڭدوڭ كوماندىسىدىن برۇكس 37 نومۇر، 18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ خۇ مىڭشۈەن 21 نومۇر، بىر قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوۋ پېڭ 15 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، جاۋ رۈي 14 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، يەتتە قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئۈچ قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ شۈ جيې ئالتە نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى.

چىڭداۋ كوماندىسىدىن ئادامس 30 نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، تۆت قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جاڭ چېڭيۈ 20 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ خوڭ جوڭخۇا 16 نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جاڭ ياڭ 14 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جونسون سەككىز نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، بىر قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟