جىلىن 102:89 بېيجىڭ

ئەلكۈيى
2021-03-12
来源:جىبوبا تورى

640-24.gif640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان CBA دائىملىق مۇسابىقىسىدە، جىلىن كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، بېيجىڭ كوماندىسى سەنشى كوماندىسىنى يېڭىپ بىرلەشمە رەت-تەرتىپدە 9-ئورۇنغا چىققاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە بىر شەھەردىكى رەقىبى بېيكوڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، رەت-تەرتىپتە 12-ئورۇندا تۇرماقتا. بىر مەيدان كەسكىن تىركىشىشتىن كېيىن بېيجىڭ كوماندىسى 89:102 نەتىجىدە جىلىن كوماندىسى مەغلۇپ قىلدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە جىلىن كوماندىسىدىن جونېس 22 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئېلىپ، سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۈي جىنمىڭ 15 نومۇر، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ دىڭ خاۋرەن 12 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئالدى؛ لى ئەن 10 نومۇر، بەش قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئالدى؛ جياڭ يۈشىڭ 11 نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جياڭ ۋېيزې سەككىز نومۇر، ئالتە قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جوڭ چېڭ تۆت نومۇر، يەتتە قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ گو جىنلىن ئۈچ نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايىتقان ئالدى.

بېيجىڭ كوماندىسىدىن ھامېلتون 32 نومۇر، 13 قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئالدى؛ جۇ يەنشى 18 نومۇر، ئىككى قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ فەن زىمىڭ 15 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئالدى، فاڭ شو 10 نومۇر، بەش قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ۋاڭ شياۋخۇي ئالتە نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئالدى؛ ليۇ شياۋيۈ يەتتە نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئېلىپ، 10 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لى مۇخاۋ تۆت نومۇر، تۆت قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئالدى، جىبسون توققۇز نومۇر، ئۈچ قېتىم گاردىن قايىتقان توپ ئالدى.