كۆڭلۈم سەندە -مۇڭلۇق ناخشا

ئەلكۈيى تورى
2020-12-02
来源:ۋاڭيىيۈن قانىلى

WX20201202-220700.png109951165201225134.jpg

تېكىستى : ئەسەت راخمان

ئەسلى ئورۇنلىغۇچى ئەسەت راخمان

ئۆزلەشتۈرۈپ ئورۇنلىغۇچى: ئىسمايىل تۇرسۇن


يارنىڭ يانفۇنى بولسام

بىر جۈپ ئالار ئىدىم

يالغۇزلۇقىنى بىلسەم

مەن ئۇچۇپ بارار ئىدىم

تەنھالىقتا ئۆتتى ئاي يىللار

چۇشەنمىدىڭ بۇنى سەن بىراق

سەن ئالدىدا ئۇنتىغان بىلەن

مەن ئۇنتالماي يۈرىمەن سىنى

سۆيەي دىسەم سەندىن باشقىنى

ئامالىم يوق ئۇنىماس كۆڭلۈم

مۇھەببەتتە سەندىن ئۆزگىنى

بولۇپ قاپتۇ تونىماس كۆڭلۈم

تەنھالىقتا ئۆتتى ئاي يىللار

چۇشەنمىدىڭ بۇنى سەن بىراق

سەن ئالدىدا ئۇنتىغان بىلەن

مەن ئۇنتالماي يۇرىمەن سىنى

شۇندىن بۇيان ئۆتتى ئاي يىللار

چۇشەنمىدىڭ مىنى سەن بىراق

سەن ئالدىراپ ئۇنتىغان بىلەن

مەن ئۇنتالماي يۈرىمەن سىنى