مىسسى بارسېلونا كوماندىسىدىن رەسمىي ئايرىلدى

ئەلكۈيى
2021-08-06
来源:تەنتەربىيە قانىلى

WechatIMG79.jpeg

ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى : بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە، بارسېلونا ئورگان تەرەپ مېسسىنىڭ بارسېلونا كولۇبىدا قالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بارسېلونا ئورگان تەرەپ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:


گەرچە بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن مېسسى ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ بۈگۈن بىر يېڭى توختام ئىمزالاشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىساد ۋە سىياسەت جەھەتتىكى توسالغۇ تۈپەيلىدىن، بۇ توختامنى رەسمىي ئىمزالاشقا ئامال بولمىدى.

بۇنداق ئەھۋالدا، مېسسى داۋاملىق بارسېلونا كولۇبىدا قالمايدۇ. توپچى ۋە كۇلۇبنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشمىدى، بۇ ھەر ئىككى تەرەپنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى.

بارسېلونا مېسسىنىڭ كوماندا ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە چىن دىلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، ھەم كەلگۈسى كەسپى ھاياتى ۋە تۇرمۇشىغا ئۇتۇق تىلەيدۇ.