چىرايلىق ناخشا زادى قانداق پروگرامما ؟ جاۋابى كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2021-04-21
来源:ئىجاد مېدىيا

QQ20201127-0.gif640-59.png


چىرايلىق كۈي بىلەن قۇشقا ئايلىنىپ،

چىرايلىق دالىنى كىزىشىڭ كېرەك.

چىرايلىق سەھەردە كۈلگەن قۇياشتەك،

چىرايلىق ناخشىدا يايرار بۇ يۈرەك.

شىنجاڭ ئىجاد مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى (ئىجاد تاراتقۇسى) بارلىق تورئەھلىگە ئەڭ سەمىمىي سالىمىنى يوللايدۇ.

مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سەنئەت ئالبۇمىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك نۇرغۇن تاتلىق ئەسلىمىلەر ۋە سۆيۈملۈك سىمالار كۆز ئالدىمىزدا زايىر بولىدۇ.

بۇنىڭ ئارىسىدا بىزسۆيۈنچ بىلەن ئەسلەيدىغان خۇشال دەملەرمۇ، قىيالماسلىق ئىلكىدە ئەسلەيدىغان ھەسىرەتلىك مىنۇتلارمۇ بار. بىز مۇشۇ پۇرسەتتە ئارىمىزدىن ۋاقتىسز ئايرىلغانلارنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز، ئارىمىزدا بىز بىلەن دەرقەمدە بولۇۋاتقانلارغا خەيىرلىك تىلەكلەر تىلەيمىز.




چىرايلىق ناخشا پروگراممىمىزنىڭ رىياسەتچىسى : گۈلشەن مەمەتتۇرسۇن     




چىرايلىق ناخشا پروگراممىمىزنىڭ رىياسەتچىسى : كىرەمجان مەمەتئىلى

ئالبۇمىز ۋاراقلىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نەزىرىمىزنى ياش ناخشىچىلارغائاغدۇرساق، ياش ناخشىچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئىزدىنىشى بىلەنكۆپچىلىككە نۇرغۇن يىقىشلىق، چىرايلىق ناخشلىرىنى سۇندى.

سەنئەت بېغىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش، سەنئەت پۇرىقىنى تېخىمۇ قويۇقتۈسكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىجاد تاراتقۇسى بۈگۈن يېڭى پىلان ۋە ئىجادىيتەپەككۇرلىرى بىلەن بىزەلگەن يېڭى ئۇسۇل، يېڭى قىياپەتتىكى نەق مەيدان تارقىتىشپروگىراممىسى «چىرايلىق ناخشا» نى يۇقىرى سۈپەتتە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇشقاھازىر بولدى.


WX20210421-174245.png


WX20210421-174256.png

«چىرايلىق ناخشا» پروگىرامىمىز سەنئەت سۆيەر دوستلارنى چىرايلىق سەھنىمىزگەجەم قىلىپ، ئىجادىي ناخشىلارنى ئورۇنداش، ياش ناخشىچىلارنىڭ ئىزدىنىش،تىرىشىش روھىغا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ. سەھنىدە ئورۇندىلىۋاتقان ھەربىرئىجادىي ناخشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن تۆھپىكارلارنىڭ ئىجادىيەتكە سىڭدۈرگەنتۇيغۇسى، ئويلىرى، ئىلھاملىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدۇ، تەكلىپلىك ئەزىزمېھمانلار ناخشىچىلارغا ئەڭ دوستانە پىكىرلىرىنى سۇنىدۇ. ناخشىچىلار تورداشلاربىلەن قىزغىن سۆھبەتلىشپ، مەستانىلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ. بۇئارقىلىق ناخشىچى، ئىجادىيەتچى، تەكلىپلىك ئەزىز مېھمان ۋە رىياسەتچىلەر سەنئەت،ئىجادىيەتتىن ئىبارەت ئۆلمەس تېمىدا پىكىرلىشىدۇ ۋە خۇلاسە چىقىرىدۇ.


WX20210421-174303.png

WX20210421-174311.png   

 

«چىرايلىق ناخشا» پروگىراممىسى ناخشا ئېيتىشنى ۋە ناخشا ئاڭلاشنىياخشى كۆرىدىغان ھەربىر دوستىمىزنىڭ دىلكىشى، سىردىشى بولالايدۇ.


WX20210421-174328.png

WX20210421-174322.png

چىرايلىقناخشىلىرىمىزئۈزۈلمىسۇن،چىرايلىقناخشىنىبىزلەرنىڭدىلتارىمىزنىتەككۈدەكياڭىرتىۋاتقانناخشىچىلىرىمىزھارمىسۇن.

كېلىڭ،چىرايلىقناخشىدىنبىللەھۇزۇرلىنايلى!

WX20210421-174508.png

چىرايلىق ناخشىلىرىمىز ئۈزۈلمىسۇن، چىرايلىق ناخشىنى بىزلەرنىڭ دىل تارىمىزنىتەككۈدەك ياڭىرتىۋاتقان ناخشىچىلىرىمىز ھارمىسۇن.

كېلىڭ، چىرايلىق ناخشىدىن بىللە ھۇزۇرلىنايلى!

WX20210421-175550.png

پروگراممىزغا ئېلان قوبۇل قىلىمىز. ئۈندىدار : alim0325



چىرايلىق ناخشا پروگراممىزغا ئائىت بارلىق مەزمۇنلار ئورگان سالونىمىزدا تارقىتىلىدۇ. سالونىمىزنى قوشىۋىلىڭ

ئۇچۇرىمىزنى تارقىتىپ قويۇڭ. تېخىمۇ جىق دوستلىرىمىز چىرايلىق ناخشىلىرىمىزدىن ھۇزۇر ئالسۇن.

ئىجاد تاراتقۇسى چىرايلىق ناخشا پروگرامما گورۇپپىسى