بۇ پۇل يەنە ئۆسەمدۇ؟

ئەلكۈيى
2021-03-19
来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

640-24.gif640-59.png






كۈتۈنۈش پۇلى ھەربىرىمىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك. يېڭىلا ئېلان قىلىنغان 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ قانداق سىياسەت سىگنالىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ كەلگۈسى بەش يىلدا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى يەنە ئۆسەمدۇ؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى يېزا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ سۇڭلۇڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى يەنە ئۆسەمدۇ؟

ليۇ سۇڭلۇڭ: شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ھېسابات كۈتۈنۈش پۇلىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ھەر دەرىجىلىك مالىيە تولۇقلىمىسىدىن كېلىدۇ، شەخسىي ھېساباتتىكى كۈتۈنۈش پۇلى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ئۆزى ھەر يىلى تاپشۇرىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىدىن كېلىدۇ.

سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى تۆۋەنلىمىگەن ئەھۋالدا، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلسە، ھەر ئايدا ئالالايدىغان كۈتۈنۈش پۇلى چوقۇم ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى يەنە تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

بىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورناتتۇق. كەلگۈسىدە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ھېسابات كۈتۈنۈش پۇلىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

بىر تەرەپتىن مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىشى، مال باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق باشقا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئەھۋالىنى بىرتۇتاش ئويلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئۆستۈرىمىز؛

يەنە بىر تەرەپتىن، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش دەرىجە ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ ۋە تەڭشەپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ھەق تاپشۇرۇش دەرىجىسىنى تاللاپ، ھەق تاپشۇرۇش دەۋرىيلىكى ئىچىدە داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇپ، شەخسىي ھېسابات جۇغلانمىسىنى كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇرىمىز.

542   مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك! بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپى دېھقانلار

ليۇ سۇڭلۇڭ: 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىز شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 542 مىليوندىن ئاشتى. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېزا ئاھالىلىرى، بۇنىڭ ئىچىدە 68 مىليون 700 مىڭ نامرات كىشى بار بولۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2017-يىلى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بىز قىيىنچىلىقى بار 119 مىليون كىشىنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققى ئۈچۈن 12 مىليارد 900 مىليون يۈەننى ۋاكالىتەن تاپشۇردۇق. ھازىرغا قەدەر 160 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ھەر ئايدا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 30 مىليون 140 مىڭ نامرات ياشانغان كىشىمۇ بار.

مەركەز بېكىتكەن مەملىكەت بويىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى تۈزۈم ئورنىتىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھەربىر ئادەمگە ئېيىغا 55 يۈەن تاپشۇرۇشتىن 93 يۈەن تاپشۇرۇشقا ئۆستۈرۈلدى. 2020-يىلى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەمىنلىگەن شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ياردەم مەبلىغى 300 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭغا يەنە يەرلىك مالىيە تولۇقلىمىسىنىڭ ئېشىشى ۋە شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش جۇغلانمىسىنى قوشقاندا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېيىغا 170 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. يېزىلاردىكى ياشانغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر تۈرلۈك مۇقىم كىرىم بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ نامراتلىقىنى ئازايتىش، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك


ليۇ سۇڭلۇڭ: كەلگۈسى بەش يىلدا، يەنە بىرقانچە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق، تۈزۈم سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

بىرىنچى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسى سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ئېغىر مېيىپلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا سۇغۇرتا ھەققىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك. تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىنى بېكىتكەندە، مەركەز بېكىتكەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئائىلە كىرىمىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ئىككىنچى، تەمىناتنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىز ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ھېسابات كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز؛ جايلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ياردەم پۇلىنى جانلىق تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە ھەق تاپشۇرۇشنى تاللىغانلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ياردەم پۇلىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىمىز؛ شەھەر-يېزا ئاھالىسى سۇغۇرتىسى فوندىغا ھاۋالىلىك مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، فوندنىڭ قىممىتىنى ساقلايمىز ۋە ئاشۇرىمىز.



تۈگىدى.png


监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟