يۇقۇم خەتىرى تۆۋەن رايونلاردا بۇ ئىشلارغا چەك قويۇلمايدۇ

ئەلكۈيى
2021-03-19
来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

640-24.gif640-59.png




مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بازار باشقۇرۇش مەھكىمىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يۇقۇم خەتىرى تۆۋەن رايونلاردا تىياتىرخانا قاتارلىق ئويۇن قويۇش سورۇنلىرى، تورغا چىقىش مۇلازىمەت سورۇنلىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنى كۈتۈۋېلىش نىسبىتىگە بىرتۇتاش چەكلىمە قويۇلمايدىغانلىقىنى، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلىسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سۈرەت: كىنوخانىدا تاماشىبىنلار بېلەت تەكشۈرتۈپ زالغا كىرمەكتە

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جايلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى داۋاملىق چىڭ تارتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشاڭلىق قىلىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تىياتىرخانا قاتارلىق ئويۇن قويۇش سورۇنلىرى، تورغا چىقىش مۇلازىمەت سورۇنلىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، بازارنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جايلار يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەۋپ-خەتىرىنىڭ دەرىجىسى ۋە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش دەرىجىسىنى تەڭشىگەن بولسا، شۇ جايدىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى بويىچە، ئويۇن قويۇش قاتارلىق سورۇنلاردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، جانلىق تەڭشىشى كېرەك.

دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دائىملىق، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن قىسمەن جىددىي بىر تەرەپ قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتە پۈتۈن تەۋەلىك رايونى، پۈتۈن ساھە بويىچە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سورۇنلارنى ئوچۇق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت بازىرىنىڭ تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يۇقۇم خەتىرى تۆۋەن رايونلاردا تىياتىرخانا قاتارلىق ئويۇن قويۇش سورۇنلىرى، تورغا چىقىش مۇلازىمەت سورۇنلىرى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنى كۈتۈۋېلىش نىسبىتىگە بىرتۇتاش چەكلىمە قويۇلمايدۇ،ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلىسە بولىدۇ.

چوڭ تىپتىكى تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، شۇ جاينىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ئاساسەن، ئادەم سانىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش كېرەك.

چەت ئەلگە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە چېتىلىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈلىدۇ (ئارتىس، خىزمەتچىلەر چېگرا ئىچىدە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا).

تۇرۇشلۇق رايوندا يەرلىك يۇقۇم كۆرۈلسە، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ئويۇن قويۇشنى قاتتىق تىزگىنلەش ياكى ۋاقتىنچە توختىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.




تۈگىدى.png


监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟